خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (3)


2008-01-04
Share

" ئىنقىلابقا قېتىلىش ئالدى بىلەن ھەققانىيەتچىلىك مەسىلىسى، ئاندىن ئەقىل ۋە جاسارەت مەسىلىسى. بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدىن بۇ خىل سۈپەتنى كۈتۈش توغرا ئەمەس. شۇڭا ئىنقىلاب ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشىنى كۈتۈش، ئىشنى مۇمكىنسىزلەشتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنى ئەمەس، پەقەت جەمئىيەتنىڭ نازۇك ۋە ئاكتىپ قاتلىمىنى ئويغىتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرسەكلا تارىخنىڭ ئېقىشىنى ئۆزگەرتەلەيمىز."

" 4 ‏- ئىيۇن روھىي يوقالمىدى"

يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر" خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت يوللىرى" ناملىق ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردىن بىر پارچىدۇر. ئاپتور، سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىشنى خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىدە ئاز نىسبەتتە ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدىغان ئىككى يول دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاساسلىق يول ئاممىۋىي دەپ كۆرسىتىدۇ. ئاپتور، ئومۇمى خەلقنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ سەزگۈر قاتلىمى بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئاممىۋىي ھەرىكەت تەشكىللەشنىڭ غايىسى بولۇشى كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ.

1989 ‏- يىلىدىكى 4 ‏- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، خىتاي تارىخىدا شىنخەي ئىنقىلابىغا ئوخشاش ئوخشاشلا بۈيۈك ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلار باستۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغان ئاڭ، ئىرادە ۋە روھ يوقالغىنى يوق. ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرگۈسى يەنە بىر 4 ‏-ئىيۇل ھەرىكىتىگە، بۈگۈنكى كوممۇنىست ھاكىمىيەت بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاپتور، " زوراۋانلىق يولىنى ئاساس قىلساق، كوممۇنىستلاردىن پەرقىمىز قالمايدۇ، شۇڭا ئاممىۋىي قارشىلىق تېنچلىق شەكلىنى ئاساس قىلىشى كېرەك" دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئاممىۋىي ھەرىكەتنىڭ بىر قاتار تېنچلىق شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، زۆرۈر تېپىلغاندا، زورلۇق يولىنىڭ چەتكە قېقىلماسلىقى كېرەكلىكىنى يەنە بىر ئەسكەرتىدۇ.

مۇھەممەد توختى: "پەرقىمىز مۇستەقىللىق تەلىپى"

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي مىللىتىنىڭ غايىسى خىتايدا دېموكراتىك ھاكىمىيەتنى تىكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ غايىسى بولسا، ئۆز زېمىنىدا مىللىي ھاكىمىيەتنى تىكلەش. بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق بۇ ئىككى غايىگە يېتىشنىڭ يوللىرى ئوخشاشمۇ؟ بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد توختى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "ئوخشاش نۇقتىمىز ئوخشاش بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز ۋە كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمىغا ئۇچراۋاتىمىز. پەرقلىق نۇقتىمىز ئۇلار دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بىز مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتىمىز."

مۇھەممەد توختى ئەپەندى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشەببۇس قىلىۋاتقان تىنچلىق يولىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنىڭ ئۆز ئىمكانى دائىرىسىدە قانداق مۇمكىنچىلىك بولسا شۇنداق قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلققە كۈرەش يولى بەلگىلەپ بېرىش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى، چۈنكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇھەممەد توختى: "شېھىد ئائىلىلىرىگە ئىگە چىقىش تېنچلىق شەكلىدىكى ئىنقىلابنىڭ بىر قىسمى"

مۇھەممەت توختى ئەپەندى، ۋەتەن ئىچىدە مۇمكىن بولغان تىنچلىق شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى سۈپىتىدە ئىتائەتسىزلىكنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش، خىتاينىڭ مەجبۇرلىمىغان بايرام - مۇراسىملىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، خىتايدىن ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن پەرقلىق تۇتۇش، ئۆز ئەۋلادلىرىغا مىللىي كىملىك ۋە مىللىي تارىخنى چۈشەندۈرۈپ تەربىيىلەشنىمۇ مىللىي ئىنقىلابنىڭ بىر قىسمى ھەتتا ھەل قىلغۇچ قارشىلىقلار ئۈچۈن زۆرۈر شەرت دەپ كۆرسەتتى.

ئالدىنقى پروگراممىمىزدا دېگىنىمىزدەك، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى پەرق، غايە ۋە نىشاندىكى پەرق ئەمەس، يول ۋە شەكىلدىكى پەرقتۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت