كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرى دېموكراتىيە ھەققىدە خەلققە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يالغان ۋەدە بېرىپ كەلمەكتە


2007.08.10

-‏- خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىرىنچى ئەۋلادتىن تۆتىنچى ئەۋلادقىچە، يەنى ماۋزېدۇڭدىن دېڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋلارغىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايدا دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش ھەققىدە ناھايىتى چوڭ ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى، ‏-‏-‏-دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ ۋېي پۇ ئەپەندى. ۋېي پۇ ئەپەندى ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارالىق سىياسەت بۇيىچە ماگىستېرلىق، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيۇجېرسى شتاتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇددى 2003 ‏- يىلى 'نيۇيورك تايمىس' گېزىتىدە بايان قىلىنغاندەك، ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "دېموكراتىيە" دېگەن تېمىدا بىر ئالدىغا ‏- بىر كەينىگە مېڭىۋاتقىلى 60 يىلدىن ئاشتى. ئوبدان كۆزىتىدىغان بولساق، كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى خىتايدا دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش مەسىلىسىدە، خەلققە ئەۋلادمۇ ‏-ئەۋلاد يالغان ۋەدە بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

ماۋزېدۇڭنىڭ 'بىز يوقۇلۇشتىن ساقلىنىدىغان يېڭى يول تاپتۇق، ئۇ دېموكراتىيە ' دېگىنى يالغان بولۇپ چىقتى

ۋېي پۇ ئەپەندى ماۋزېدۇڭدىن خۇ جىنتاۋغىچە بولغان تۆت ئەۋلاد كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ دېموكراتىيە ھەققىدە دېگەنلىرى بىلەن قىلغانلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان.

‏-‏-‏- ماۋزېدۇڭ 1945 ‏- يىلى يەنئەندە، خۇاڭ يەنپېي ئەپەندىنىڭ "جۇڭگو تارىخىدا گۈللىنىش ۋە چىرىكلىشىپ گۇمران بولۇشتىن ئىبارەت قانۇنىيەتتىن ساقلىنالىغان بىرمۇ سۇلالە يوق" دېگەن سۆزىگە قارىتا "راس، ھېچقايسى سۇلالە تارىخنىڭ بۇ قانۇنىيىتىدىن ساقلىنالمىغان، ئەمما بىز بۇ قانۇنىيەتتىن ساقلىنىدىغان بىر يېڭى يولغا كىردۇق، ئۇ بولسىمۇ دېموكراتىيە. بۇنداق يېڭى يولدا ماڭغاندا، خەلق ھۆكۈمەتكە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ھۆكۈمەت چىرىكلىكتىن ساقلىنىدۇ" دېگەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە ماۋزېدۇڭ ئۆزىنىڭ راستىنلا بىر ئاغزاكى دېموكراتچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ماۋزېدۇڭ جۇڭگودا ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىنلا، "دېموكراتىيە" دېگەن يولنى دىكتاتور تېكەنلىرى بىلەن قاپلىدى. ئۇ خىتايدا 20 نەچچە يىل ھوقۇق تۇتۇپ تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە، خەلق تۇرمۇشى 'سىنىپى كۆرەش' دېگەن ۋەھشى سىياسەتنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمىدى.

دېڭ شاۋپىڭنىڭ 'پارتىيىمىز دېموكراتىيە جەھەتتە خاتالىق ئۆتكۈزدى"، "دېموكراتىيە بولمىسا جۇڭگونى زامانىۋىيلاشتۇرغىلى بولمايدۇ" دېگىنى يالغان بولۇپ چىقتى

1970 ‏- يىللاردا، دېڭ شاۋپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن ماۋزېدۇڭ قوزغىغان 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى'دا ئۆزى ۋە ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرى تارتقان دەرد -ئەلەملەرگە ئاساسەن " پارتىيىمىز دېموكراتىيە جەھەتتە خاتالىق ئۆتكۈزدى" دەپ ئېتىراپ قىلىپ ۋە "دېموكراتىيە بولمىسا جۇڭگونى زامانىۋىيلاشتۇرغىلى بولمايدۇ" دەپ جاكارلاپ ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىدى. لېكىن ئۇ سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنى پۈتۈنلەي لىن بياۋغا ۋە 'تۆت كىشىلىك گۇرۇھ"قىلا دۆڭگەپ قويدى.

جۇڭگودا قانات يايغان دېموكراتىك ئىسلاھات ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ھامان، دېڭ شاۋپىڭ ئۆزىنىڭ يالغان دېموكراتىيىچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. "ئامېرىكىدىكى ئۈچ خىل ھوقۇق مۇستەقىل ئىش قىلىدىغان تۈزۈم ئۈچ ھۆكۈمەت بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان تۈزۈم، جۇڭگو بۇنداق قالايمىقان دېموكراتىيىنى يولغا قويمايدۇ" دەپ جاكارلىدى.جۇڭگودىكى دېموكراتىك تۇيغۇلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا قالايمىقانچىلىق سالىدىغان ئامىل دەپ چەتكە قاقتى، ھەتتا تانكا بىلەن باستۇردى.

جاڭ زېمىننىڭ دېموكراتىيىنى بەش جەھەتتىن شەرھىلەپ سۆزلىگەن نەزىرىيىلىرى يالغان بولۇپ چىقتى

كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد رەھبىرى جاڭزېمىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇمۇ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاش ئالدى بىلەن دېموكراتىيىدىن سۆز باشلىدى. ئۇ دېموكراتىيىنىڭ ئورنى، دېموكراتىيىنىڭ ماھىيىتى، دېموكراتىيە تۈزۈم ئىكەنلىكى، دېموكراتىيىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكى ، دېموكراتىيىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلىقى دېگەن بەش چوڭ تېمىدا نەزىرىيە سۆزلىدى.

ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ دېموكراتىيىنى يولغا قويمىدى، بەلكى 'دۇنياغا ماسلىشىش' دېگەن شۇئار بىلەن ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇردى. ئەمەلدارلارنى ۋە جەمئىيەتتىكى دېموكراتىك تۇيغۇلارنى پۇل ۋە مۈلۈك قوغلىشىش يولىغا باشلاپ چىرىكلەشتۈردى.

خۇجىنتاۋنىڭ "دېموكراتىيە يولغا قويۇلمىسا، جۇڭگونى زامانىۋىيلاشتۇرغىلى بولمايدۇ " دېگىنىمۇ يالغان بولۇپ چىقتى

كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد رەھبىرى خۇجىنتاۋ تەخىتكە چىققاندىن كېيىنلا دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە "دېموكراتىيە يولغا قويۇلمىسا ، جۇڭگونى زامانىۋىيلاشتۇرغىلى بولمايدۇ " دەپ جاكارلىغاندا، چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان خىتاي مۇھاجىرلىرى "ئەمدى جۇڭگودا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى" دەپ ھاياجانلانغان ئىدى. كېيىن خۇ جىنتاۋنىڭمۇ 'ئەجدەرھاردىن قورقىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەجدەرھانىڭ سۈرىتىنى كۆتىرىۋالىدىغان' كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. خەلق ئەمەلىيەت ئارقىلىق خۇ جىنتاۋدىن ئۈمىد ئۈزدى.

خۇ جىنتاۋ ھازىر ئاغزىدا 'دېموكراتىك نازارەت'، 'كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش' دېگەننى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە كىم كوممۇنىست پارتىيىنى نازارەت قىلسا، ئۇنى قاتتىق باستۇرۇۋاتمامدۇ؟ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتمامدۇ؟ (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.