خىتاي دېموكراتلىرى ئەمدى چەتئەللەردە تۇرۇپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
2007.08.21
بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇن، 1989 - يىلى بېيجىڭدا قوزغالغان پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەشنى نىشان قىلغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتى، كوممۇنىست ئارمىيىسى تەرىپىدىن تيەنئەنمېن مەيدانىدا 4 - ئىيۇن كۈنى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان چەت' ئەللەردە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىشىلەردىن 100 دەك ئادەم يېقىندا نيۇيورك شەھىرىدە جەم بولۇپ، جۇڭگو دېموكراتچىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ؟ دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى يەنىلا ئاكتىپ
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇيورك شەھىرىدىكى كۇيىنسى رايوندا، 'بېيجىڭ باھارى جۇرنىلى' نىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىنى ئەسلەش نامى بىلەن توپلىنىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتتە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەشھۇر زىيالىيلاردىن جېڭيى ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، گەرچە بۇ دېموكراتچىلار شۇنچە كۆپ يىل ھەرىكەت ئېلىپ بارغىنىغا يارىشا، خىتايدا سىياسىي جەھەتتە تېخىچە مۇئەييەن بىر ئۆزگىرىش پەيدا بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆز نىشانى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ قىممىتى كۆرۈلمەي قالمىدى ۋە بۇ قىممەت ھېلىمۇ ئۈنۈمىنى جارى قىلماقتا. چۈنكى خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە غايىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك غايىسى بىلەن ئورتاق. بۇ روھ مەغلۇپ بولىدىغان روھ ئەمەس.
خىتايدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى مۇقەررەر
خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قارىشىچە، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە كېڭەيدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داغدۇغىلىق دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىنى قوزغاش بىر قەدەر قېيىن بولدى.
--- خەلق خىتايدىكى ھازىرقى تۈزۈمنىڭ ھەقىقەتەن بىر ناچار تۈزۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى، --- دەيدۇ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي دېموكراتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پېرى لىنك ئەپەندى، --- بۇ بىلىمنىڭ ئۆزى خىتايدا، مەيلى قانداقلا شەكىلدە بولمىسۇن، ھامان بىرخىل ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، گەرچە دېموكراتىك ھەرىكەتلەر يەنە يېڭى توسالغۇلارغا دۇچ كەلسىمۇ، خەلقنى ئەركىنلىك ئارزۇسى ھامان غەلىبىگە باشلايدۇ.
توسالغۇ ۋە ئوڭۇشلۇق خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 4 - ئىيۇندىكى ۋەھىمە خەلققە قورقۇنچ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كىشىلەر داۋاملىق ۋەھىمە چەككەندىن كۆرە، ماددى تۇرمۇش ياخشىلانسا، ھازىرچە شۇنىڭغا رازى بولۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. دېمەك ماددى تۇرمۇشنىڭ ياخشىلانغانلىقى دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى توسۇپ قويدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن، كوممۇنىست بايۋەچچىلىرى ئۆزىنىڭ ھەققانىي بولمىغان مال- مۈلكىنى قانۇنلاشتۇرۇۋېلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى بايلىقلارنى داۋاملىق ئىگىلىۋېلىپ، كۆپ سانلىق خەلقنى نامرات قالدۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە ھازىر يەنە دېموكراتىيىگە تۈرتكە بولماقتا.
دېمەك، ھازىر جۇڭگودا ئەۋج ئېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى چەتئەللەردە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ نىشانى بىلەن بىر يولغا كىرىپ قالدى. بۇ بىر يېڭى ۋەزىيەت. بۇنداق ۋەزىيەتتە مەدەنىيەت ياۋۇزلۇقنىڭ، دېموكراتىيە مۇستەبىتلىكنىڭ ئورنىنى ئىگىللىشى مۇقەررەر.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكى ھازىر چېكىگە يەتتى
خىتايدىن قېچىپ چىققان دېموكراتلارنىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان چەت' ئەللەردە داۋاملاشتۇرغان ھەرىكەتلىرى، 1993 - يىلىغا كەلگەندە پارچىلانغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن نەزىرىيە پارچىلاندى، كۈچ پارچىلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، قايتىدىن بىرلىككە كېلىمىز، دەپ نەچچە يىلغىچە ئىچكى قىسىمدا جېدەل بولدى، -- دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ خىتاي دېموكراتىيە بىرلەشمىسىنىڭ تورانتو شۆبىسى مۇدىرى ليۇشاۋفۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 1993 - يىلى ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن پارچىلىنىش، 2006 - يىلى 6 - ئايدا بېرلىندا ئېچىلغان يىغىندا ھەل بولدى.
بۇ يىغىنغا خىتايدىن قېچىپ چىقىپ چەت' ئەللەردە دېموكراتىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرخىل پارتىيە گۇرۇھ ۋەكىللىرىلا ئەمەس، تىبەت ، شىنجاڭ، موڭغۇلىيە ۋەكىللىرى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى قىزغىن قوللاۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مەشھۇر سىياسىي ئەربابلار قاتناشقان ئىدى. بۇ يىغىنغا ھەتتا بېرما، كامبودژا ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ۋەكىل كەلدى. يىغىن ئەھلى، خۇددى فېي لياڭ يوڭ ئەپەندى ئېيتقاندەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، دۇنيادا ئەڭ چوڭ مۇستەبىت قورغىنى بولۇپ قالدى، ھازىر دۇنيادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىست تەھدىتى خىتاي ھۆكۈمىتى، دېگەن كۆز قاراشتا بىرلىككە كەلگەن ئىدى.
يىغىن ئەھلى يەنە ، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا تېررورچىلىق بىلەن كوممۇنىست مۇستەبىتلىكىگە بىردەك قارشى تۇرۇش لازىملىقى بېرىلىپ يەتتى، ھازىر دۇنيادا تېررورچىلىق بىلەن كوممۇنىست مۇستەبىتلىكىگە بىردەك قارشى تۇرۇش لازىم بولۇپ قالدى، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكى ھازىر چېكىگە يەتتى دېگەن كۆز قاراشتا بىرلىككە كەلدى. نەزىرىيە جەھەتتىكى بۇنداق بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلگىرىلەشتىن كېيىن، ئەمەلىيەت جەھەتتە بولسا، ھازىر خىتايدا خەلق ئىچىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى بىلەن خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ چەت' ئەللەردە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ نىشانى بىر يولغا كىردى. بۇ بىر يېڭى ۋەزىيەت. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرى دېموكراتىيە ھەققىدە خەلققە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يالغان ۋەدە بېرىپ كەلمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇندى
- چىگرىسىز مۇخبىرلار : خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئاخبارات كونترولى سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
- تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى زەپەر قۇچتى
- گېرمانىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رابىيە قادىر خانىم
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك 9 تۈرلۈك ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكىدا كوممۇنىستىك تۇزۇم قۇربانلىرىغا خاتىرە ئابىدىسى تىكلەندى
- پرېزىدېنتى جورج بۇش پراگا شەھىرىدە دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت
- بېيجىڭدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار قاماپ قويۇلغان
- غەرب دۆلەتلىرى نىمىشقا خىتاي بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالىمايدۇ؟