خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
2006.03.10
ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى رەت قىلىش خىتاينىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.
ئامېرىكا دوكلاتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلىگەن
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىيانەتچىلىك، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش، پۇقرالارنى خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئەيىبلىگەن.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسىمىدا، "سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئورگانلارنىڭ خەنزۇلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش رولىنى ئوينىماقتا. گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇلار بۇنىڭدىن بىر تەرەپلىمىلىك بەھرىمان بولىۋاتىدۇ" دەپ يېزىلغان. ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى رەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ۋە دېموكراتىيە ۋەدىسىنى تەكىتلىگەن. رايىس "بىز چوقۇم دېموكراتىيە يولىدا كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ ياخشى ھايات كەچۈرۈش ئۈمىدى بىلەن ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك" دەيدۇ.
خىتاي: ئامېرىكا دېموكراتىيىسى "بايلارنىڭ ئويۇنى
خىتاي دۆلەت كابىنتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىغا قارشى ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ 2005 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلاتىدا، ئامېرىكىنى مەخپىي ئاڭلاش، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە مەھبۇسلارنى خارلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلماقتا، دەپ تەنقىدلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 7 يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلەت كابېنتىنىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، ئامېرىكا دېموكراتىيىسىنى "بايلارنىڭ ئويۇنى"، دەپ تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدا جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەخپىي ئاڭلاش، مەھبۇسلار مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىكى ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ دوكلاتىدا "بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يۈزلىنىشكە، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرىمىز" دەيدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى پۇقرالارنىڭ خەت، تېلېفون ۋە ئېلېكترونىك ئالاقىسىنى نازارەت قىلىش، ئەدلىيە سېستىمىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە قىسىرلاشتۇرۇش، گېزىت، جورناللارنى تاقاش، نامايىشچىلارنى قولغا ئېلىش ۋە باستۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەيىبلىگەن.
خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتسۇن
ئامېرىكىنىڭ دوكلاتى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدا ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر چاغدا ئېلان قىلىندى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى بەررىي لورن كرون، "مەن خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ يېڭى رامكىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەيدۇ.
لېكىن خىتاي دۆلەت كابىنتى ئامېرىكىغا قارشى دوكلات ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا ۋاشىنگتونغا ئېتىراز بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، "ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتى ئاساسىي ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلمىغان. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم قارغۇلارچە تەنقىد قىلىندى. بىز بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىمىز ۋە بۇنىڭدىن مەمنۇن بولمىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز" دەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا كۆپ يەر بېرىلگەن
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر قىسىمىدا ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە توختىلىپ، "شىنجاڭدا دائىرىلەر تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ سىياسىي مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە " دەپ يازغان.
مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ب د ت نازارەتچى ئەمەلدارى نوۋاك "ئائىلە چېركاۋ ئەزالىرى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلار تەن جازاسىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى بايقىغان،" دەيدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا "ئادىلجان ئوبۇلقاسىم ۋەقەسى" نى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. دوكلاتتا " ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىگىلىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا 1995 - يىلى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئادىلجان ئوبۇلقاسىمنىڭ 2003 - يىلى تىبىركوليۇز كېسىلى بىلەن تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان" دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ھەققىدە توختىلىپ، "تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس رابىيە قادىرنىڭ سودا شېرىكلىرى ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە تۇتقۇنغا ئۇچرىدى. ئۇ، 3 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىر قانچە خىل ئەيىبلەشلەر بىلەن ئاۋارىچىللىققا ئۇچرىدى " دەيدۇ.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، " ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەر تارىخنى بۇرمىلىغان، بۆلگۈنچىلىك تەشۋىق قىلىنغان، دېگەندەك قالپاقلار بىلەن ئاشكارا يوق قىلىنغان. "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ مۇھەررىرى كۈرەش ھۈسەيىن قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە مۇھەررىرلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلدى، دەپ قارالغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلغان ياكى يازغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان."
ئەمما خىتاي دۆلەت كابېنتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئامېرىكا ئۆزىنى دائىم دېموكراتىيىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ ھېسابلايدۇ ۋە بۇنى دۇنياغا تاڭماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دېموكراتىيىسى ' بايلارنىڭ ئويۇنى ' دەپ يازغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىندى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى