ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى" غا ئىنكاس قايتۇردى
2008.03.13
بۈگۈن يەنى 13 - مارت پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ 2007 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى دوكلاتقا ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسىدە "ئامېرىكىنىڭ 2007 - يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى "نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ۋەيرانە ۋە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
"خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت ماتېرىياللارغا توسقۇنسىز ئېرىشكۈسى"
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات خادىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دوكلاتلىرى ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئاشكارا ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، كۈنلەردىن بىر كۈنى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت ماتېرىياللارغا توسقۇنسىز ئېرىشكۈسى" دېدى.
" ئامېرىكىدا ئاشكارا ۋە دېموكراتىك سىستېما قىلمىشلارنى ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىش مېخانىزىمىدۇر "
خىتاي ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئامېرىكىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئامېرىكىدا جىنسى ۋە ئىرقىي كەمسىتىش مەۋجۇد ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ خىتاينىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا تاش ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات خادىمى: " كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەت نۇقسانسىز ئەمەس، بۇ ئامېرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بىزنىڭ ئاشكارا ۋە دېموكراتىك سىستېمىمىز شۇنداق قىلمىشلارنى ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىش مېخانىزمى بىلەن تەمىنلەيدۇ" دېدى
ئۇ يەنە، ئامېرىكىدا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، ئەركىن ئاخبارات، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە قانۇننىڭ شۇنداق مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
" ئامېرىكا ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا شەك يوق "
بۈگۈن خىتاي تاش ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ بايان بېرىپ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئىككى خىل ئۆلچەم پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتىدا بېرىلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات خادىمى بۇ دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا شەك يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. "دوكلاتىمىز بۇ نەرسىلەرگە ئۆزى جاۋاب بېرەلەيدۇ"
" ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئېغىر جازاغا تارتىش قىلمىشلىرى يەنە مەۋجۇد "
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 11 - مارت ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق يۈكسىلىش بولمىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ يازغۇچى - مۇخبىرلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش، سۆز، پىكىر ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى چەكلەشكە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى پاش قىلغان ھەمدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ بېشىدىلا خىتايدا 2007 - يىلى جەريانىدا ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلاردا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە خىتاينى مۇستەبىت دىكتاتور دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئېغىر جازاغا تارتىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ يەنە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي مىللىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ئېغىر دېدى، ئۆزىدىچۇ ؟
- خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى دوكلاتى ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيانىڭ ئادۋوكاتى يوقاپ كەتتى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ": كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى"
- خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش بېسىمىغا ئىزچىل دۇچ كەلمەكتە
- كانادادا كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارىسى تىكلىنىدۇ
- خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەنپەئەت كۈرىشى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە تەتۈر تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن
- خىتاي ئەرزدارلار، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئوچۇق خەت ئەۋەتتى
- جورج بۇش ئولىمپىك مۇراسىمىغا بارغاندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
- ئولىمپىك ھەقىقەتەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولدىمۇ؟
- ئۈزۈلۈپ قالغان خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قايتىدىن باشلانماقچى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى