كوممۇنىست ئەمەلدارلار مۈلۈلكىرىنى چەتئەللەرگە يۆتكىشى

چەتئەللەردىكى كۆچمەن خىتاي مۈلۈكدارلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ، خىتايدىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىكەنلىكى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىكى ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭمۇ ئاساسى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىشى، نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان ئەنسىرىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

خىتاينىڭ سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ 2011 - يىل 4 - ئايدىكى ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا شەخسى مۈلكى 10 مىليون خەلق پۇلىغا ئىگە مۈلۈكدارلار، 2011 - يىلىغا كەلگەندە 960 مىڭغا يېتىپ ئۇلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 5%نى ئىگىلىگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 60%نىڭ چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ بولغانلار ياكى مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەۋاتقانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

كانادادىكى يېڭى تاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەبلەغ سېلىش يولى ھەم پەرزەنتلىرىنى چەتئەل ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدا ئوقۇتۇش يولى ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي مۈلۈكدارلىرىنىڭ تەخمىنەن 50% خىتاينىڭ يۇقىرى ھەم ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى سىياسى ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي مۈلۈكدارلىرىنىڭ چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىشى ھەم مەبلىغىنى چەتئەللەرگە يۆتكىشىگە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز مال - مۈلكى ھەم ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىشى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر تۈركۈم خىتاي پارىخور ئەمەلدارلىرى زور بىر تۈركۈم مەبلەغنى ھەر خىل ناملاردا چەتئەل بانكىلىرىغا يۆتكەپ بولغان ھەم شۇ دۆلەتلەردىكى قانۇنىي يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، شۇ دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

ئېلشات ئەپەندى ئۆز بايانىدا، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ مال - مۈلكىنى چەتئەلگە يۆتكەپ، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى چەتئەل پۇقراسى قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەشۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىشىغا ئىشەنچى يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتايدىكى «تېشۆ تور بېكىتى»دەپ ئاتىلىدىغان ئاممىۋى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدا جىنايىتى پاش بولغان ئالدىنقى 50 نەپەر پارىخور ئەمەلدار» ناملىق ماقالىدە، تىلغا ئېلىنغان پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ، چەتئەلگە يۆتكىگەن مەبلىغىنىڭ ئەڭ كۆپى 483$ مىليون دوللارغا يەتكەن بولسا، ئەڭ ئازلىرىمۇ 6 مىليون دوللاردىن ئاشقان.

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى قانۇنچىلىق گېزىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە،1999 - يىلدىن 2009 - يىلغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەلگە يۆتكىگەن مۈلكى 800 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن.

بۇ يىل 2 - ئاي ھەم 3 - ئايلاردا يۈز بەرگەن چۇڭچىڭ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋەقەسى ھەم چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ خىتايدا سىياسى جەھەتتىنمۇ تۈزەش ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە پارىخورلۇق چىرىكلىككە زەربە بېرىلىدىىغانلىقىنى، ئەمەلدارلارنىڭ ئالاھىدە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدىغابنلىقىنى جاكارلىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئېلشات ئەپەندى ۋاڭ لىجۈن، بو شىلەي ۋەقەلىرى ھەم خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئىسلاھات چاقىرىقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتىكى پارىخورلۇق چىرىكلىك ئەۋج ئالغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ۋېن جياباۋ قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىسلاھات يولىنىڭ قۇتقۇزۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئېلشات ئەپەندى يەنە پەقەت بۇ خىل سېستىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ خىتايدا ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئۆز - ئارا نازارەت قىلالايدىغان دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلغىنىدىلا ئاندىن خىتايدىكى بۇ خىل چىرىكلىك ھەم پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت