رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى


2005.12.01
CHINA-OIL-22.jpg
2003-يىلى 21-نويابىردا، بىر نېفىت ئىشچىسى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى "لۇنەن" نېفىتلىقىدا ئىشلىمەكتە. AFPخىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارماقتا.

بېيجىڭدا چىقىدىغان "بېيجىڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز پىلان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوڭلى يېقىندا ئېچىلغان "2005‏-يىللىق خىتايدىكى تەبىئىي گاز خەلقئارا يىغىنى" دا، گەرچە ھازىر خىتاينىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ بارغانسېرى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئىمپورتىغا بولغان كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي كەلگۈسى ئېھتىياجى ئۈچۈن پىلان تۈزىۋاتىدۇ

خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ 2020 ‏- يىلىغا بارغاندا 100 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گازنى ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ ھازىر كەلگۈسىدىكى تەبىئىي گاز ئىمپورت يولىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پىلانلاۋاتقانلىقى يېزىلغان. بۇ پىلان بويىچە خىتاي رۇسىيىدىن يىلىغا 60 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلسا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن 30 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدىكەن.

ۋاڭ گوڭلى يىغىندا يەنە، خىتاي بۇ ئىمپورت قىلىنىدىغان تەبىئىي گازلارنى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ھەر ئىككىلا يولدىن كىرگۈزىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش مىقدارىنى ھەتتا 150 مىليارد كۇپ مېتىرغا يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

"بېيجىڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، يىلىغا تەخمىنەن %11 تىن %13 كىچە ئېشىپ ماڭغان. ئامېرىكىنىڭ ھاۋايىدىكى "ئاسىيا تىنچ‏-ئوكيان مەركىزى"نىڭ رۇسىيە ‏- خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور روبېن ئازىزىيان رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"نېفىت مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. خىتاي چوقۇم رۇسىيىدىن بىر قىسىم نېفىتلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن. لېكىن قانچىلىك نېفىتكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە نېمە شەرتلەرنىڭ قويۇلۇدىغانلىقى تېخى ھەل بولمىغان مەسىلىلەردۇر. تەبىئىي گازغا كەلسەك، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىر رۇسىيە ئېكسپورت قىلىۋاتقان تەبىئىي گازلارنىڭ 80% ئى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەممىسى بىلەن تەبىئىي گاز ھەمكارلىق تۈرلىرى بار".

"بېيجىڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى" خەۋىرىدە يەنە، رۇسىيىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خىتايغا زور مىقداردا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى خالاپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقتىن خىتايغا قارىتىپ سالماقچى بولىۋاتقان گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭمۇ رۇسىيە فېدېرال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كېلەر يىلى يىل بېشىغىچە تەستىقلىنىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەبىي گازى خىتايغا باشتا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى پۈتكەن ھەمدە ئۇنىڭدىن رەسمىي گاز ماڭغۇزۇشقا باشلىغان.

خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز پىلان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوڭلىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيىنىڭ خىتايغا كىرگۈزىدىغان تەبىئىي گازلىرى بەلكىم رۇسىيىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي سىبىرىيە ھەمدە ساخالىن رايونلىرىدىن كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقلا بۇ 3 رايوندىن خىتايغا ماڭغۇزىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى يىلىغا ئايرىم‏-ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 30 مىليارد، 20 مىليارد ۋە 10 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاي رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا رىقابەتلەشمەيدۇ

خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تارقىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالغان روبېن ئەپەندى مۇنداق دېدى:

" ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنىڭ خىتايغا كىرگۈزۈلىشى، ئەلۋەتتە رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىدۇ. بۇ يەنە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇقى كۈنسايىن روشەنلىشىۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى ئاجىزلاپ مېڭىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي ئىككى خىل سەۋەبتىن رۇسىيە بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىرى، رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى بولسا، يەنە بىرى، رۇسىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت تارىخىي مۇناسىۋىتىدۇر".

خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە %50 نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى سىرتتىن ئىمپورت قىلسا، قالغانلىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كىرىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازلارنى خىتاينىڭ دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك رايون قىلىنىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.