
كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت شىركىتى ئېنكانانىڭ ئېكۋادوردىكى مۈلكىنى خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىگە قاراشلىق ئاندېس نېفىت شىركىتى 1 مىليارد 420 مىليون دوللارغا سېتىۋالدى. ئېنكانا شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ، بۇ سودىنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ بولغان. كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاي نېفىت شىركىتى سېتىۋالغان كانادا نېفىت شىركىتى ئېنكانانىڭ ئېكۋادوردىكى مۈلكى - نېفىتلىك ۋە نېفىت تۇرۇبىسى ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ سودىنى جەنۇبى ئامېرىكا دۆلەتلىرى نېفىت ساھەسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سودا دەپ باھا بەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا نېفىتىگە ئالاھىدە قىزىقماقتا. بۇلتۇر خىتاي نېفىت شىركىتى كانادا قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالغانىدى. كانادا گېزىتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي نېفىت شىركىتى، ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ كاندادىكى مۈلكىنى سېتىۋېلىش ھەققىدىمۇ سۆھبەتلەشمەكتە ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش دولقۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىپ بارغان خىتاي دۇنيا مىقياسىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېنېرگىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە چەتئەل ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى جىددىلەشتۈرمەكتە.
خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ئەسلىدىلا جىددى بولىۋاتقان ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەن ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، بۇ نېفىت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. شۇڭا خىتاينىڭ چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرى بەزىدە توسالغۇلارغىمۇ ئۇچرىماقتا. ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتىنىڭ ئۇنوكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۇرۇنىشىنى توسۇپ قويغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى چەتئەلدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى، دەپ چۈشەندۈردى.. خىتاي دائىرلىرى يېقىندا، ئاتالمىش چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ، خىتايغا قارشى كەيپىياتنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن، چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىنى سېتىۋالغاندا، داۋراڭ سالماسلىقنى ۋە ئۇنى تۆۋەن تەلەپپۇزدا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەت ھېسابلانغان كانادا، 2010 يىلىغا بارغاندا نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا خىتاي كاناداغا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن.
خىتاي كانادانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە قول تىقسا، تۈرلۈك توسالغۇلارغىمۇ دۇچ كېلىدۇ؟
خىتاينىڭ كانادا نېفىتلىكىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشى ئۈچۈن توسالغۇلارمۇ يوق ئەمەس ئىكەن. كانادادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى نېفىتلىك پروجېكتلىرى خۇسۇسي شىركەتلەر ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ كونتروللىقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ بۇ نېفىتلىكلەردىن پاي ئېلىشى ئاسانغا توختىمايدىكەن. كانادادىكى نېفىت مۇتەخەسسىسىلىرىنىڭ تەھلىلىچە، كانادا نېفىت شىركەتلىرى پاي چەكلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىمۇ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كانادا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتىنى ئازايتىدىكەن. كانادادىكى ئىقتىسادشۇناس جەف روبىننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى نېفىتلىك 2010 يىلىغا بارغاندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. شۇنداقلا دۇنيادىكى نېفىت مەنبەلىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن كاناداغا يۆتكىلىدىكەن.
خىتاينىڭ كانادا نېفىتلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقى ئامېرىكىنىڭ توسالغۇسىغىمۇ دۇچ كېلىدىكەن. يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كانادا نېفىتلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇزاقتىكى خىتاينىڭ ئۆز قوشنىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئىگىلىشىگە قارىتا نارازىلىقىنىمۇ ئىپادىلمەكتە.
كانادادىكى سىياسى ئانالىزچى يۇئەن مىڭ، خىتاي ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۇنىكول نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالغاندا ئامېرىكىدا بۇ سودىغا قارشى سادالارنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىگىنى، ئامما بۇ قېتىم خىتاي كانادا نېفىت شىركىتىنىڭ ئېكۋادوردىكى مۈلكىنى سېتىۋالغاندا كانادادا بۇنداق سادانىڭ بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"كانادا ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت، لېكىن ئامېرىكا ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ئىستىمال قىلىدىغان دۆلەت. ئۆزى ئىشلەپچىقارغان نېفىت ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ ۋە چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ زېمىنىدىكى نېفىت، يۇشۇرۇن رەقىبى بولغان خىتاي تەرىپىدىن كونترول قىلىنسا، ئامېرىكىنىڭ خەۋىپسىزلىكى ئۈچۈن ھەقىقەتەن تەھدىت بولىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنىڭغا كۆڭۈل بولدى. كانادا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.. نېفىت مەنبەسى ئىنتايىن مول. خىتاي ھەرقانچە قىلسىمۇ، بىر قىسمىنىلا كونترول قىلالىشى مۇمكىن. بۇ كانادانىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا تەسىر قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايغا سېتىلغان بۇ نېفىت شىركىتىنىڭ پائالىيىتى چەتئەلدە. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت بىر پارتىيىلىك تۈزۈمدىكى دىكتاتور دۆلەتنىڭ يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركىتىگە بولغان ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققان"
سىياسى ئانالىزچى يۇئەن مىڭ، خىتاينىڭ كانادا نېفىتىگە ئالاھىدە قىزىقىشى ئامېرىكىغا تەھدىت بولىدىغان بولمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:
"ھازىر كانادا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىتنىڭ 2/3 قىسمى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. كۈندىلىك ئېكسپورت مىقتارى 1مىليون 500 مىڭ ۋارىل ئەتراپىدا بولماقتا. ئەگەر مەھسۇلات مىقتارى كۆپەيتىلمىسە، ئامېرىكىغا قىلىنىدىغان نېفىت ئىكسپورتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا، خىتاي كانادا نېفىتىگە قول تىقىپ، يۇقىرى باھادا نېفىت سېتىۋالسا ئۆزىنى تەمىنلەۋاتقان نېفىتنى ئاقسىتىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئامما خىتاي ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، تەييار نېفىتكە ئەمەس، بەلكى يېڭى نېفىتلىكنى ئېچىشقا بەكرەك قىزىقماقتا، دەيدۇ.
يۇئەن مىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ كانادا نېفىتىگە قىزىقىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۆزى ھازىر نېفىت ئېلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىكى تۇراقسىزلىقتىن باشقا يەنە كانادا نېفىتىنىڭ (OPEC) يەنى "نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى" نىڭ كونتروللىقىدا بولمىغانلىقى ئىكەن. كانادا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆز ئالدىغا ئاشۇرالايدىكەن. ھەچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن.
خىتاي ئېنېرگىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنى قوللىماقتا
يۇئەن مىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتاينىڭ، يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە، دۇنيا بىلەن قارشىلىشىۋاتقان ئىران بىلەن 70 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، 29 30 خىتاي ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىراننىڭ يادرو قورالى مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسەت قوللانماقتا. خىتاينىڭ ئۆز مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلىمىگەنلىكى ئىرانغا خاتا سىگنال بېرىپ، ئۇنىڭدا خىتاي بىزنىڭ يادرو قورالىنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىزنى قوللايدۇ، دېگەن تەسىراتنى پەيدا قىلماقتا. خىتاي ئېنېرگىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنى قوللىماقتا ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىپ كەلدى، دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋېنېسۇئېلا ۋە ئافرىقىدىكى سۇدان قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ كانادا نېفىتلىكىگە قىزىقىشى پەقەت نېفىت ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەن. خىتاينىڭ ئاساسلىق كۆزى چۈشۈۋاتقىنى كانادانىڭ ھازىر نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېفىت چەككىلەشتە ئىشلىتىۋاتقان يېڭى تېخنىكىلىرى ئىكەن. (كامىل تۇرسۇن )