0:00 / 0:00
تۈركىيە جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدا "دۆلەتنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان نېفىت ۋە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى شىمالىي ئىراققا بۇرىدى" تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.
باھادىر سەلىم دىلەك يازغان بۇ ماقالىدا، خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ خوڭلىڭنىڭ شىمالىي ئىراققا بېرىپ كۇرت رايونىنى زىيارەت قىلىپ، كۇرت رايونىنىڭ رەھبىرى مەسۇت بارزانىنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بېيجىڭگە تەكلىپ قىلغانلىقى يېزىلغان. خەۋەردە بۇنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغانلىقى يېزىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟ تۈركىيىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟