خىتاي رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتىنى تالاشماقتا

0:00 / 0:00
KAZAKH.jpg-nazarbeyv-oil-20.jpg

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە سودىسىدىكى مونوپوللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىنى تۇتماقتا.

نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇشقا ئىمزا قويۇلغان بولسا، ئىككى يىللىق قۇرۇلۇش نەتىجىسىدە قازاقىستاننىڭ ئاتاسۇ نېفىتلىكىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالا تاۋ ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقتا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، قازاقىستاندىن خىتايغا ھەر يىلى 12 مىليون توننا نېفىت ماڭدۇرۇلۇش باشلانغان.

خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى لايىھىسى بولغان داچىڭ –ئانگارسك موسكۋا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن، خىتاي قازاقىستان بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قازاقىستان نېفىتىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قازاقىستان بىلەن خىتاي ھازىر بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، بەلكى نازاربايېۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا مەزكۇر مۇزاكىرە ئاخىرقى خۇلاسىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.

قازاقىستان، تۈركمەنىستان رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە

نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدە تۈركمەنىستانمۇ خىتاي بىلەن ئەڭ قويۇق ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتى قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، يېقىندا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ بېيجىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تۈركمەنىستان شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، تۈركمەنىستاندا تەبىئىي گازلىق ئېچىشنى قارار قىلغان. ئۇلار ئارىسىدىكى كېلىشىمنىڭ مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، قىممىتى 150 مىليون دوللارغا يەتكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركمەنىستان رەھبىرى نىيازوپ بۇ يىل بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندىمۇ، خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

رۇسىيىنىڭ مونوپوللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا ئىنتىلىش

تۈركمەنىستان ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى بىۋاسىتە ئۈچىنچى دۆلەتكە چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىدى. تۇركمەنىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرى رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ئاشخاباد بۇ سودىدا پەقەت رۇسىيە شىركەتلىرىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان.

قازاقىستانمۇ ئوخشاشلا ئۆز ئېنېرگىيىلىرىنى رۇسىيە شىركەتلىرىگە سېتىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، رۇسىيە باھا ۋە باشقا جەھەتلەردە مونوپول قىلىش ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا قازاقىستان چىقىش يوللىرىنى ئىزدەپ، خىتاينى تاللىۋالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىندا قازاقىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەسۈموپ بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرىلەش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ قايتقان ئىدى.

نۆۋەتتە، خىتاي قازاقىستانغا ئېنېرگىيە جەھەتتە مەبلەغ سالغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ، قازاقىستان نېفىت شىركەتلىرى خىتاي بىلەن قويۇق ھەمكارلاشماقتا. نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسىمىنى خىتاي شىركەتلىرى سېتىۋالغان. ئەمما، قازاقىستاندا بۇنىڭغا نىسبەتەنمۇ قارشىلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، " جۇمھۇرىيەت " گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايلىقلىرىنى خىتاينىڭ ئىگىلىشىگە يول قويماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا باغلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، رۇسىيە قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق ئۆز نېفىتلىرىنى خىتايغا سېتىشقا ماقۇل بولۇپ، ئاستانا ۋاسىتىچىلىك قىلىش ئورنىغا ئۆتكەن. رۇسىيە قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل ھەمكارلىقىنى ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ ھەسابلىماقتا.

ھازىر قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ سودىسى سەككىز مىليارد دوللار بولۇپ، 2010-يىلىغا بارغاندا 10 مىليارد دوللار قىممىتىگە يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)