ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىباند 5 كۈن داۋام قىلىدىغان خىتاي زىيارىتىنى دۈشەنبە كۈنى باشلىدى. زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى كىلىمات مەسىلىسى بولغان مىلىباند ھازىرغا قەدەر خوڭكوڭ ۋە شاڭخەيدە زىيارەتتە بولدى. ئۇ زىيارىتىنىڭ داۋامىدا چۇڭچىڭ ۋە بېيجىڭنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئۇ خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي زىيارىتى داۋامىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدىكى بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان.
"خوڭكوڭدىكى ئومۇمى سايلامنىڭ مۇمكىن قەدەر بالدۇر ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز "
ئۇ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن مەمنۇنىيىتىنى بىلدۈرگەن، ئەمما سايلام ۋاقتىنىڭ 2017 -يىلىغا كېچىكتۈرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەنگىلىيىدىن خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغان چېغىدا، خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، خوڭكوڭنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى خوڭكوڭ خەلقى ئۆزى تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ خوڭكوڭنىڭ يەرلىك قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن، ئەمما قانۇندا، بۇ سايلامنىڭ قاچان ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى بېكىتىلمىگەن.
ھازىرغا قەدەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاستە كۆرسىتىلگەن ياكى خىتاي تەرەپدارى گۇرۇپپىلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن تەيىنلىنىۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭ خەلقى بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى. 2 ئاينىڭ ئالدىدا، خوڭكوڭلۇقلار ئومۇمى سايلامنى 2012 -يىلى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مەركەزگە تەكلىپ سۇنغان، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمى سايلامنى 2017 -يىلىغا كېچىكتۈرۈپ قارار چىقارغان ئىدى. شۇڭا، داۋىد مىلىباند سۆزىدە، ئەنگىلىيىنىڭ، خوڭكوڭدىكى ئومۇمى سايلامنىڭ مۇمكىن قەدەر بالدۇر ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
" ئىنسان ھەقلىرى ھەر يىلى كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشى كېرەك "
مىلىباند، ئولىمپىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىنسانىي ھەق ناھايىتى قىممەتلىك بىر ھەق، ئۇ يالغۇز ئولىمپىك يىلىدىلا تىلغا ئېلىنماسلىقى كېرەك، ئۇ ھەر يىلى كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشى كېرەك. ئولىمپىك خىتاي ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا بىر كۆرسىتىش پۇرسىتى ھەم يەنە، خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن بىر نۆۋەت ھەمكارلىشىش پۇرسىتى. بۇ پۇرسەتنى ھەم خىتاي، ھەم دۇنيا تەڭ پايدىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان مىلىباند،دۇنيانى ئولىمپىك مەزگىلىدە ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسى سەۋەبلىك قىستىماسلىققا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئۆزىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان خەلقئارا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ توغرا ۋە يوللۇق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن.
كىلىمات مەسىلىسى خىتاي بىلەن غەرب بولۇپمۇ، ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك داۋاملىشىۋاتقان مەسىلە. خەلقئارالىق ئېكولوگىيە سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، كاربون دىوكسىد قاتارلىق ھاۋاغا زىيانلىق گازلارنى تارقىتىدىغان ئېنىرگىيە قوللىنىشنى ئازايتىش تەشەببۇسى، ئارىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ مۇھىم قىسمى. ئامېرىكا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ كۆپلۈكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتنى كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، خىتاي بولسا، نۆۋەتتىكى ئېكولوگىك بۇزۇلۇشنى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىپ مەسئۇلىيەتنى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد براۋن كىلىمات مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ھاۋا كىلىماتىنى ياخشىلاشتا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالدىنقى ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى براۋن، خىتايغا كىلىمات مەسىلىسىدە ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتىن، 98 مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
" ھىندىستان چوڭ ۋە دېموكراتىك بىر دۆلەت "
داۋىد مىلىباند دارفۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغىنىدا، دارفۇردىكى مەسىلىنى خىتاي بىلەن تەڭ سۇدان ھۆكۈمىتى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مىلىباندا ھازىرغا قەدەر قىلغان سۆزلىرىدە، ئىنسان ھەقلىرى، كىلىمات ۋە دارفۇر مەسىلىسىدە، خىتاي تەرەپنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ، ئىككى مەسىلىدە خىتايغا ئاشكارا قارشى مەيداندا تۇرۇپ گەپ قىلغان.
بۇنىڭ بىرى خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش مەسىلىسى بولسا، يەنە بىرى، ھىندىستاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزالىق ئىلتىماسى مەسىلىسىدۇر. ئۇ شاڭخەيدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى: " ھىندىستان چوڭ ۋە دېموكراتىك بىر دۆلەت " دەپ چۈشەندۈرگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)