خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
2006.06.01
چارشەنبە كۈنى خىتاي-ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنبىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ كۆزى ئەرەب نېفىتىدا
ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىنىڭ ئاساسلىقى تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قامال قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ۋە باش سېكرىتار ئەمىر موسالار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭمۇ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن نۇرغۇن ساھەلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەنپەئەتلەرنىڭ خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتى ئىشلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىدى، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى مونوپول قىلىش.
ئامېرىكا سودا-سانائەت كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەلېن دولاندسېن بۇ ھەقتە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، "مېنىڭ بۇنىڭدىن ئالغان بىرىنچى ئىنكاسىمنىڭ ئۆزى-نېفىت. بۇ خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىدى.خىتاي ئىزچىل تۈردە دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدا كۈچىنىڭ بېرىچە چوڭ ئورۇننى ئىگىلەشكە تىرىشىپ كەلدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نېفىت زاپىسى ناھايىتى مول ۋە بۇلار ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا. شۇڭا خىتاينىڭ ئەرەب ئەللىرىگە يېقىنلىشىدىن ھېچقانداق ھەيران قېلىشقا بولمايدۇ" دېدى.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاساسلىقى ئېكىسپورتقا تايىنىپ قالغان
دونالدسېن يەنە، نوقۇل ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەقىقەتەن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر، كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەش ئارقىلىق نېفىتىنىڭ سېتىش سوممىسىنى ساقلاشنى خالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئىلگىرىلىشىگە زىچ باغلىنىشلىق. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاساسلىقى ئېكىسپورتقا تايىنىپ قالغان.
باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى "يەر شارىغا نەزەر" دېگەن ئورگاننىڭ ئىقتىسادشۇناس ئەربابى نادىر ھەبىبى خىتاينىڭ ئېكىسپورت ماللىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆتكەنكى 5 يىلدىن بۇيان خىتاي ماللىرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا سانائەت دۆلەتلىرىگە چوڭ رىقابەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا 2005- يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى خىتايدىن كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتلەرگە ماللىرىنى ئېكىسپورت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلاردىن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغان.
ئامېرىكىغا بولغان تەسىرى ھەققىدىكى قاراشلار
ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر خىتاينىڭ بۇنداق نېفىتنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئىستراتېگىيىسى، خىتاي كۈتكەندەك ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇلار يەنە، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئالىدىغان مەنپەئەتىنىڭ پەقەت قىسقا مەزگىللىك بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى.
ئامېرىكا سودا-سانائەت كومىتېتىدىكى دونالدسون ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، " مېنىڭچە بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تەسىرى بولسا، ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نېفىت مەنبەسىنى مونوپول قىلىۋالسا، ياكى توساتتىن نېفىت مەنبەسىدە جىددىيلىك كۆرۈلۈپ، ئەرەب ئەللىرى خىتاي كۈتكەندەك خىتايغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن نېفىت تەمىناتىنى بېرەلىسە، ئۇ چاغدا بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ" دېدى. لېكىن ئۇ يەنە، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. چۈنكى خىتاي ھەددىدىن زىيادە ھالدا ئېكىسپورتقا تايىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىۋاستە خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
دونالدسون يەنە، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە تالىشىش تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەرەب ئەللىرىگە ئىتتىپاقلىشىش ئارزۇسىنى ھەمدە ئامېرىكا تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشىگە بولغان ئورتاق ئەندىشىسىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى كۈن داۋام قىلغان خىتاي-ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنبىرى جەريانىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يەنە، ھامماس تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ھامماس رەھبەرلىكىدىكى بۇ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى "تېررورچى ھۆكۈمەت" دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئۇلار تەختتىن چىققاندىن بۇيان ئىزچىل قوللاپ كەلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش سېكرىتارى ئامىر موسانىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، دۆلەت پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا سىياسىي ياردەمنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خۇ جىنتاۋ ئەرەب ئەللىرىنىڭ "بىر جۇڭگو" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنگە قارشى چىققانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە
- خۇ جىنتاۋ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- قازاقىستان نېفىتى خىتايغا ئېقىتىلىشقا باشلىغاندا خىتايدا نېفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى 10% ئۆرلىدى
- خىتاينىڭ دىققەت ئېتىبارى شىمالىي ئىراققا بۇرۇلماقتا
- پاكىستان بىلەن خىتاي ئېنېرگىيە ۋە نېفىت تەبىئى گاز تۇرۇبا كېلىشىمى ئىمزالىدى
- تۈركمەن باشى خىتاي بىلەن گاز ئويۇنى ئوينىدى