ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى ئىشچىلار ۋەكىلى بېيجىڭغا ئەرز سۇنماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى سابىق چۈەنخەي شىركىتىنىڭ خادىملىرىدىن 11 كىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئەمما ئەرزدارلار 19 يىلدىن بۇيان تېگىشلىك ھەقلىرىگە ئىگە بولۇش ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى سابىق چۈەنخەي شىركىتىنىڭ ئىشچىلار ۋەكىلى تاڭ ۋېيخۇڭ، تاڭ شىشېڭ، لياڭ فاشۆ، ۋاڭ خۇڭشا، چېڭ يۈفېڭ قاتارلىق 11 كىشى ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئىلىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئىشچىلار ۋەكىلى ئارىسىدىكى تاڭ شىشېڭ، پويىزدا كېتىۋېتىپ تېلېفون ئارقىلىق ئىستانسىمىزغا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى چۈەنخەي شىركىتىنىڭ تارمىقىدىكى مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، 1986 ‏- يىلى شىركەت ئۆز ئالدىغا كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇيىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى، ئەپسۇسكى مېھمانخانا بىناسى ۋە شىركەتكە تەۋە بارلىق مال - مۈلۈكلەرنى شۇ جايدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مونوپول قىلىۋالغانلىقىنى، شۇندىن ئېتىبارەن مەزكۈر بىنانىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاڭ شىشېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ شىركەت بىناسىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە 70 تىن ئارتۇق ئىشچى تۇرمۇش كىرىمىدىن مەھرۇم قالغان. گەرچە ئىشچىلار 19 يىلدىن بۇيان بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى داۋا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى يەرلىك دائىرىلەرگە ئىتتىرىشى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بولسا ھېچقانداق ئىمتىياز ۋە كۈچكە ئىگە بولمىغان بۇ ئىشچىلارنىڭ ئاھۇ - زارىغا پىسەنت قىلماسلىقى قىسقىسى ئۇلارنى قەتئىي كۆزگە ئىلماسلىقى نەتىجىسىدە داۋالىرى ھەل بولماي كەلگەن.

" يەرلىك ھۆكۈمەت بولسا، ئۆزلىرىنى قوغداش چارىسىنى ئىشقا سېلىپ، قانۇن بۇيىچە ئىش كۆرمەي كېلىۋاتىدۇ. بىز بىچارە پۇقرالارنىڭ ئاز - ئازدىن يىغىش قىلىپ بەرپا قىلغان بىنارىمىزنى، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي قاراپ تۇرۇپ ئېلىۋىلىڭ بىر، تېخى ئېلىۋالغاننى ئاز دەپ بىزنى بېيجىڭغا ئەرز قىلىڭ ئىككى، بىز بۇ ناھەقچىلىققا چىدىمىدۇق."

ئىشچىلار ۋەكىلى تاڭ ۋېيخۇڭمۇ، ئىشچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئەرز قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى.

" بىزنىڭ دىلو ئاللىقاچان قانۇن بۇيىچە رەسمىي ئەنگە تۇرغۇزۇلغان ئىدى، بىراق يەرلىك پارتكوم دائىرىلىرىنىڭ قول تىقىشى بىلەن، سوت بۇ دىلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا چارىسىز قالدى. ئەسلىدە بىز ھەقلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سوت ئېچىلغان بولسا بىز دەسلەپتىلا يەڭگەن بولاتتۇق. مېھمانخانا بىناسى پۈتكەندىن كېيىن ئاران ئىككى يىل مۇلازىمەت ئېلىپ بارالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ شىخەنزە 149 ‏- پولكىنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرىدۇق. بۇنى ئاز دېگەندەك يەرلىك باشلىقلارنىڭ ئارقا تىرەك رولىنى ئوينىشى بىلەن داۋايىمىز ھەل بولۇش تۈگۈل، ھەقلىق ئورۇندىن ھەقسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدۇق."

تاڭ ۋېيخۇڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بېيجىڭغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن بارغان، ھۆكۈمەت ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىگە يالاپ ئېلىپ كەتكەن. يەرلىك ھۆكۈمەت شۇ قېتىم ئىشچىلار ۋەكىللىرى بىلەن چۈەنخەي بىناسىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئۆز ‏- ئارا دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان، بىراق17 ‏- قۇرۇلتايدىن كېيىنلا، ھۆكۈمەت بارلىق ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىپ، ئىشچىلار بىلەن ئىككىنچى بۇ ھەقتە سۆزلەشمىگەن.

تاڭ ۋېيخۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، چۈەنخەي شىركىتى 80 ‏- يىللىرى پۇقرالاردىن مەبلەغ يىغىش ئارقىلىق چۈەنخەي بىناسىنى پۈتكۈزگەن، لېكىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شوئارى ئاستىدا شىخەنزە 149 ‏- پولكىنىڭ زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشى نەتىجىسىدە، ئىشچىلارنىڭ ئەينى چاغدا سەرپ قىلغان قان تەر بەدىلى، بىكارغا كەتكەن.

" بىزنىڭ تارتقان زىيىنىمىز بەك چوڭ، بىز 21 يىل ئىلگىرى بىر ئائىلە 5 يۈەن چىقىرىپ بۇ بىنانى تىكلىگەن ئىدۇق."

ئىشچىلار ۋەكىلى تاڭ شىشېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشچىلار ۋەكىللىرىدىن 5 نەپىرى 7 ‏- ئايدا بېيجىڭغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن بارغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا شىخەنزىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويغان. قۇرۇلتايدىن كېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش باھانىسىنى كۆرسەتكەن ھۆكۈمەت، كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشتەك بۇ قانۇنسىزلىقنى يەنىلا ھەل قىلمىغان.

تاڭ شىشېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىشتىكى مەقسىدى، چوقۇم مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. (ئەقىدە)