ئىلگىرى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ساقچى بولغان جاڭ باۋلياڭنىڭ ئەھۋالى ھازىر ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ ھازىر شاڭخەي پۇتو رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش باشقارمىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە ساقچىلار ئۇنىڭ ئويىنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى 24 سائەت توختىماي كۆزەتمەكتە. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشاۋغا ئېلىۋېلىپلا قالماي، بىنادىن ئارقان ساڭگىلىتىپ، ئۇنىڭ 15 - قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۆينىڭ ئىچىنى كۆزەتمەكتە ئىكەن.
ئىستانسىمىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن، جۇڭخۇا شېنجېڭ تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، جاڭ باۋلياڭنىڭ قورشاۋغا ئېلىنىش سەۋەبىنى، ئۇنىڭ شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ جىمىڭنىڭ چىرىكلىككە چېتىلىدىغان مەسىلىسىنى ئاشكارىلىغانلىقى تۈپەيلى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن قېچىپ، بۇ يىل 1 - ئايدا ئانىسى بىلەن بىرلىكتە شەندۇڭغا قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاڭ باۋلياڭنىڭ يېقىن بىر دوستىنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى قاتتىق كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇ 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئانىسىنى ئېلىپ شاڭخەيگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ئانىسىنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، تۇققىنىنىڭ ئۆيىدە بىر مۇددەت تۇرغان. 27 - فېۋرال كۈنى، ئۇ ئوغرىلىقچە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن، 28 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئىدارىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇپ، 8 ساقچىنى ئاجرىتىپ، ئۆينىڭ ئەتراپىنى قورشاۋغا ئالغان ۋە ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنغاندا،جۇڭخۇا شېنجېڭ تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۇنى قولغا ئېلىشتىن ساقلاپ قالغان.
ئۆيگە قامىلىپ قالغان جاڭ باۋلياڭ ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ": ھازىر ئۆينىڭ ئەتراپىدا ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە ساقچىلار مېنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار مېنىڭ سىرتقا چىقىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ زادى قانداق مەقسىدى بار ؟ مەن بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن" دېدى.
ئىككى يىغىن ھارپىسىدا، شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى زور كۆلەمدە تۇتۇش، باستۇرۇش ۋە تۈرمىگە تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىر ئەرزدار مۇنداق دەيدۇ": ھازىر بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى9 كىشى مەخسۇس كۆزىتىۋاتىدۇ، 26 - فېۋرال كۈنى ئۇلار بىزنى تۇرۇۋاتقان رايوندىن مەجبۇرىي ھالدا ئاپتوموبىلغا بېسىپ، ھازىرقى جايغا يۆتكەپ ئېلىپ كەلدى، قارشىلىق بىلدۈرگەنلەر بولسا، باشقا ئاپتوموبىلدا ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭچە ئۇلار چوقۇم تۈرمىگە تاشلانغان بولۇشى مۇمكىن ."
ئەرزدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچى دېھقانلارنىڭ بىر قىسمى بېيجىڭغا قېچىپ كەتكەن، ئەمما بېيجىڭدىكى ۋەزىيەت شاڭخەيگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ھەتتا ئۆيلىرىگىمۇ قايتىپ بارالمىغان، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئەرزادارلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلار ساقچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دېيىشسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئەرزدارلارنىڭ ھايات قالغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىكەن.
جاڭ ئىسىملىك بىر ئەرزدار": بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار شەھەر سىرتىدا مۆكۈپ يېتىپ پۇرسەت كۈتىۋېتىپتۇ، ئۇلار بىر مەزگىل سۈكۈتتە تۇرۇپ ساقچىلارغا، ئەرزدارلار تارقاپ كېتىپتۇ دېگەن تۇيغۇنى بېرىپ، ئاندىن بىراقلا شەھەر مەركىزىگە باستۇرۇپ كىرىش پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ، بىراق ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز،" دېدى. (ئەقىدە)