
ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى خوسىي مانۇئىل بارروسو، پەيشەنبە كۈنى خىتايدا 18 - ئىيۇلغا قەدەر داۋاملىشىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى. بارروسونىڭ بېيجىڭدا تەكىتلىشىچە، خىتاي ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاندىن خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىدىكەن.
بارروسو، " بېيجىڭنىڭ ئالدى بىلەن ب د ت پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ب د ت نىڭ "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى" قوبۇل قىلمىغان. بارروسو مۇنداق دەيدۇ: " بىز تەرتىپنى ساقلاش كېرەكلىكىنى توغرا چۈشۈنىمىز، ئەمما شۇنداقلا بىز ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ پىكىر - چۈشەنچىلىرى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز."
خىتاي - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە توسالغۇلار
بارروسو خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ۋېن جياباۋ، پەيشەنبە كۈنى بارروسونى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، " ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش جوڭگونىڭ ئاساسلىق تاشقىي سىياسىتى شۇنداقلا جوڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2 - چوڭ سودا شېرىكى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئومۇمى سودا ھەجىمى يېقىندا خىتاي - ئامېرىكا سودا ھەجىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.
بارروسو، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا خىتايدىكى زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، "مۇناسىۋىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شېرىكچىلىكىمىزنى كېڭەيتىشنىڭ يوشۇرۇن يوللىرىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن،" دەپ ئەسكەرتتى شۇنداقلا " ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى كونترول قىلىش، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە سىياسى مۇناسىۋىتىنى ئالغا سۈرسە، ھەر ئىككىلا تەرەپ مەنپەئەتكە ئىگە بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
ئىمبارگونىڭ يېقىن ئارىدا بىكار قىلىنىش ئېھتىمالى ئاز
خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بارروسو، ئىمبارگونى بىكار قىلىش ئۈچۈن جوڭگونىڭ چوقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقدىكى 25 دۆلەتنى قايىل قىلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى گېرمانىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىش تەشەببۇسى، ئىتتىپاقتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشىغا دۈچ كەلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىستاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى چىقىشى ئىمبارگونىڭ يېقىن ئارىدا بىكار قىلىنمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى، چارشەنبە كۈنى بريۇسسېلدا " خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرغا قەدەر قاندۇرۇلمىغان.
خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ تونۇشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ
ئىمبارگو مەسىلىسى بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنىڭ خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، پەيشەنبە كۈنى " خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ تونۇش خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيىتىنى ئېتراپ قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما بارروسو شۇ كۈنى بېيجىڭدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرچە خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
بارروسونىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەن. ئۇ، بۇ يىل 9 - ئايدىكى جوڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ توغرىسىدا قارار چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ تونىسا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپادا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىش پىلانى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار
بارروسو، " بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە خىتاينىڭ ياۋروپا توۋارلىرىغا ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش نىيىتى بار - يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرىمەن،" دېدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا جەمئىيىتى خىتاي ئىقتىسادى كۈچىنى تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۇرسەت، دەپ قاراشنى خالايدىكەن. بارروسى، جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ۋېن جياباۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسۋىتىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بارروسو، ۋېن جياباۋ بىلەن سۆھبەت باشلاشنىڭ ئالدىدا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. بورروسونىڭ زىيارىتى 18 - ئىيۇلغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇ شاڭخەي، ئاۋمىن ۋە خوڭكوڭلارنى زىيارەت قىلىدىكەن. (ئەركىن)