ئىنتېرنېت خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا يەنە ماجىرا پەيدا قىلدى
2007.10.24
خىتاي ئىنتېرنېت خاكىرلىرىنىڭ گېرمانىيە تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ تور بەتلىرىدىن ئاخبارات ئوغرىلاش ۋەقەسى گېرمانىيە - خىتاي ئارىسىدا يەنە سۈركىلىش پەيدا قىلدى. بۇ مەسىلىدىكى سۈركىلىش گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئاخبارات ئوغرىلاش ۋەقەسىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ قولى بارلىقىنى جاكارلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلىگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. خىتاي تەرەپ بولسا گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ پىكىرىنى رەت قىلماقتا.
گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسى گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەنىز ئېلمار رېمبېرگ، ئالدىنقى كۈنى گېرمانىيە شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە قارىتىلغان كۈندىلىك جاسۇسلۇق ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك خىتاي دۆلىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەنىز ئېلمار رېمبېرگ، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا "بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە،"بۇ ھۇجۇمنىڭ جىددىيلىكى، لايىھىلىنىش دەرىجىسى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ھەم شىركەتلىرىنى نىشان قىلغانلىقى بۇ قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا " دەيدۇ. بۇ گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاينى ئىنتېرنېت خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى مەسىلىسىدە بىرىنچى قېتىم ئەيىبلىشى ئەمەس.
خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۇرۇشى گېرمانىيىنى نىشان قىلدى
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ يىل 8 - ئايدىكى خەۋەرلىرىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىقلىرىنىڭ تور بېتى خاكلانغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەلەردە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلغان ئىدى.
ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسىدىكى رېمبېرگ، بېرلىندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۇرۇشى " دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تۈردىكى ھۇجۇملارغا قارشى تۇرىدىغان يېڭى ئۇقۇمغا ئېھتىياج تۇيۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ يەنە، قانۇن يوللار بىلەن ئۇچۇر توپلايدىغان خىتاي شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ سانائەت جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگانلىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
رېمبېرگ مۇنداق دەيدۇ،"خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنياۋى مىقياسىدا سىياسىي، ھەربىي، ئىستراتېگىيىلىك ۋە پەن- تېخنىكا ئۇچۇرى يىغىپ، ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تېز ئارىدا تولدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ". ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر ماگىستىرى، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر تەتقىقات تۈرىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ئەلنىگار ئىلتەبىر خىتاينىڭ ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى توغرىسىدا توختالدى.
ليۇ جيەنچاۋ " بىز بۇ تۈردىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىمىز "
گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسىنىڭ پىكىرى سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا "مەن گېرمانىيە تەرەپنىڭ شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىنى تەكىتلىمەكچى" دەپ ئەسكەرتكەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، "بۇ بىزنى ناھايىتى تەئەجۈپلەندۈردى شۇنداقلا بىز بۇ تۈردىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىمىز " دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت خاكىرلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر يىلى ئىنتېرنېت خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن گېرمانىيىلىك ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەرلىك پاكىتى بولمىسا، بۇ مەسىلىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماسلىقى مۇمكىن. گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن قوغداش ئىدارىسىدىكى رېمبېرگ، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ كىشىنى "ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە جىددىيلىكى" ۋە خاكىرلاردا بايقىلىپ قېلىش غەم - قايغۇسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، " ھۇجۇملار ھەر كۈنى ياكى ھەر 2 كۈندە بىر قېتىم يۈز بېرىۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
رېمبېرگ يەنە، خىتاينىڭ كلاسسىك جاسۇسلۇق مېتودلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ گېرمانىيىدىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىرى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جاسۇسلارغا ھەمدەمچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ،" گېرمانىيىدىكى خىتاي دىپلوماتىك ۋەكىللىرىنىڭ ئىشخانىلىرى ۋە خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى مەخپىي جاسۇسلارنى يەرلەشتۈرمەكتە" دەپ تەكىتلىگەن.
" بۇ خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇزۇن مەزگىللىك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن"
خىتاي خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئامېرىكا، فرانسىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ جىددىي ھۇجۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتتۇر. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەلنىگارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەزگۈر مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. لېكىن ئەلنىگار، "بۇ خىتاي خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىكى بىردىن - بىر سەۋەب ئەمەس" دېدى. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىنتېرنېت خاكىرلىرىنىڭ 8 - ئايدىكى ۋەقەدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدىكى تور سېستىمىسىغا ئۇچۇر ئوغرىلايدىغان پروگرامما يەرلەشتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپلا قالماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى گېرمانىيە خىتاينىڭ بۇ ئىتتىپاقتىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىدۇر. گېرمانىيىلىك ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى كۈتىۋېلىش ۋەقەسى ياكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيىتى خىتايلارنى غەزەپلەندۈرسىمۇ ،لېكىن خىتاينىڭ گېرمانىيە تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى " دوستانە بولمىغان "ھەرىكەت بولۇپ، بۇ خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇزۇن مەزگىللىك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ۋە ئۇيغۇرلار نامايىشى
- د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ يېقىنقى بىر قاتار پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت
- گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا "سېرىق جاسۇس" غەۋغاسى
- مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا گېرمانىيە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئورگانلىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان
- مېركېل خانىم خىتاينى ئاخبارات ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە قىستىدى
- ئانگېلا مېركېل: خىتاي ئويۇننىڭ خەلقئارا قائىدىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك
- رابىيە قادىر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا
- گېرمانىيىنىڭ بىر ئاممىۋى ھەيئىتى تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى
- خىتاينىڭ سودىدىكى ساقتىلىقى 8 دۆلەت يىغىنىنىڭ مۇھىم تەنقىد تېمىسى
- د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتاي تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى