خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاخىرلاشتى


2007.11.20

ئانگېلا مېركېل خانىم گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلانغان بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتاي دۆلىتىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۈگۈنكىدەك يامانلىشىپ كەتمىگەن ئىدى. گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىدىغان " دۇنيا گېزىتى" نىڭ 16 - نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ ئاسىياچە نازلىنىشى" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادى ۋە دېپلوماتىيە جەھەتتە مۇھىم ھەمكارلىققا ئىگە بولۇپ كەلگەن خىتاي - گېرمانىيە ئارىسىدا ئەمدى رەسمىي سوغۇق مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشىگە، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ گېرمانىيە مىنىستىرلار مەھكىمىسىدە تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان.

"خىتاينىڭ ئاسىياچە نازلىنىشى"

گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا ئەينى چاغدا جاۋاب يۈزىسىدىن گېرمانىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يېقىندىن بۇيان گېرمانىيە دۆلەت رەھبەرلىرىگە قارىتا سوغۇق مۇئامىلىسىنى ھەر خىل شەكىللەردە ئىپادىلەشكە باشلىغان.

"خىتاينىڭ ئاسىياچە نازلىنىشى"ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى پەئەر ستەئىنبرۈكك ئەپەندىنىڭ بۇ يىل 12 - ئايدا خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى پۈتۈشۈپ قويۇلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ يېڭى مالىيە مىنىستىرى شىئې شۈرېن باھانە كۆرسىتىپ، گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى بىلەن دېگەن قەرەلدە كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

بۇندىن ئىلگىرى خىتاي تەرەپ گېرمانىيىدە چاقىرىلغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ پارىژدا مۇخبىرلارغا بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولماقچى بولغان گېرمانىيىنىڭ مالىيە مىنىستىرى پەئەر ستەئىنبرۈكك ئەپەندى بولسا، ئىلگىرى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇنازىرە قوزغىغان.

خىتاينىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى

سىياسىي ئانالىزچىلار، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنىڭ ياۋرۇپادا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان " گېرمانىيىنىڭ يېڭى ئاسىيا ئىستىراتېگىيىسى"نىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئارىلىق ساقلاپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. گەرچە قانچىلىك دەرىجىدە ۋە قايسى ساھەدە ئارىلىق ساقلايدىغانلىقى ئېنىق ئىزاھلانمىغان بولسىمۇ، مېركېل خانىمنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بۇنداق بىر تاشقى سىياسەتنى بەلگىلىشى خىتاينىڭ جېنىغا تەككەن.

بۇندىن ئىلگىرى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ۋە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ گېرمانىيە تاۋارلىرىنى تەقلىت قىلىپ كۆچۈرۈپ ياسىشى، گېرمانىيىنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىشى، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ساختىلىقى، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان ھەر خىل بايانلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. گېرمانىيە تەرەپنىڭ بۇ مۇئامىلىسى ئەمدى خىتاينىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا سەۋەب بولغان.

17 - نويابىر كۈنى، " بېرلىنلىقلار گېزىتى" دە "ستەئىنمەئىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە" ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە يېزىلىشىچە، گېرمانىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستەئىنمەئىر ئەپەندى پارىژدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى سوغۇقچىلىق ھەققىدە توختىلىپ: " بىز خىتاي بىلەن ئوبدانلا تىركەشتۇق، ئەپسۇسكى بۇ بىر رېئاللىق" دەپ جاۋاب بەرگەن. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، گېرمانىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شرۆدېر ئەپەندىمۇ مىنىستىرلار مەھكىمىسىدە، ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ، خاتا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. خەۋەردە يەنە، خىتاي تەرەپنىڭ دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىكتە ئەيىبلەيدىغانلىقى، تىبەتنى خىتايدىن ئايرىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ۋە تىبەتنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

ئانگېلا مېركېل قوللاشقا ئېرىشمەكتە

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ئانگېلا مېركېل ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە زىيادە ئېغىرلىق بېرىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتكە سەل قاراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا. ئەمما كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ تۇتۇۋاتقان يولىنى گېرمانىيە پۇقرالىرى قوللايدىغان بولۇپ، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ مەدھىيىلىمەكتە ئىكەن.

ئانگېلا مېركېلنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشى، خىتايغا قارىتا يېڭى سىياسەت بەلگىلىشى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلەيدىغان مەيدانىنى ئۆزگەرتمەسلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىرى خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.