خىتاينىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىشىدىكى سەۋەبلەر

0:00 / 0:00

22 - يانۋار كۈنى گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تۆت ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى سۈركىلىشكە خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر قانات يايدى. مەلۇمكى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەب بولغان ئىدى.

بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەممىگە ئايان. شۇنداق بولسىمۇ، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ مەسىلىدە بىر ‏- بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئانگېلا مېركېل خانىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستەئىن مەئىر ئەپەندىنىڭ "بىر جۇڭگو سىياسىتى"گە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى سوغۇقچىلىققا خاتىمە بەرگەن ئاساسىي ئامىل قىلىپ كۆرسەتمەكتە ھەمدە 2007 - يىلى 9 - ئايدا دالاي لامانى مىنىستىرلار مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنىڭ ياۋروپادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولغان ئانگېلا مېركېل ھۆكۈمىتىنى گويا خىتايغا ناماقۇل بولغاندەك ھالەتتە تەشۋىق قىلىشقا تىرىشماقتا. ئەكسىچە، گېرمانىيىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىدىغان "مانخەئىم سەھەرلىك گېزىتى"، "مەجمۇئە گېزىتى"، "نۈرنبېرگ گېزىتى" ۋە "دۇنيا" گېزىتلىرىدە بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ گېرمانىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن گېرمانىيىگە زور دەرىجىدە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىشىغا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ يادروسى

دىققەتنى چېكىدىغىنى شۇكى، 22 - يانۋار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى جاكارلىنىش بىلەن تەڭلا، ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى كلائېدېن ئەپەندى 23 - يانۋار كۈنى "كۆلىن يېتەكچى گېزىتى"دە دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، "خىتايلارنىڭ ئىپادىسى، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى" دېگەن ھەمدە "بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىزچىل تەكىتلەيمىز، بۇ بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ يادروسى" دەپ خىتاپ قىلغان.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم بولسا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىدا تەۋرىنىش بولغانلىقى ياكى خىتايدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئىپادىنىڭ بىشارىتىنى كۆرسەتمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گېرمانىيىنىڭ تېخى ئىككى ئاي ئىلگىرىلا تۈزۈلگەن"يېڭى ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى"دە تىلغا ئېلىنغان "خىتايغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش" دېگەندەك ماددىلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. (ئەكرەم)