ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى 2008- يىللىق دوكلاتى ئىنكاس قوزغىدى


2008.03.04

3- مارت ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەنتېگان تەييارلاپ دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى 2008- يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەر يىلى ھەربىي سىېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىپ، ئەمما بۇ ھەقتىكى خام چوتىنى سىرتقى دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇپ كېلىشى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ ئېلان قىلغان ھەربىي خام چوتىدىكى ئومۇمى سومما ھەقىقىي ئەمەس

دوكلات ئۈستىدە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتور ياردەمچىسى داۋىد سىدنېي ئەپەندى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ھەربىي ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ غەرىزى، ئىستىراتېگىيىسى ۋە ھەقىقىي ئىقتىدارى توغرىسىدا چۈشىنىش دەرىجىسىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە شۇ سەۋەبتىن دوكلاتتا بەزى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

دوكلاتتا گەرچە، خىتاي ئۆزىنىڭ 2007- يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 2006- يىلدىكىگە قارىغان 19.47 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈپ 45.99 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھەربىي خام چوتىدىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقتىن ئومۇمى سوممىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مۆلچەر ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ خىتاينىڭ 2007- يىللىق ھەربىي خام چوتىنىڭ 97 مىليارتتىن 139 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.

داۋىد سىدنېي ئەپەندى:"بۇ دوكلات ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تونۇشىنىڭ مەھسۇلى "

داۋىد سىدنېي ئەپەندى، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا، ئاقساراي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئاخبارات تەمىنلەش ئورگانلىرىمۇ ئورتاق قاتناشقان بولغاچقا، بۇنى يالغۇز ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يەككە مەيدانى دەپ ئېيتىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئادىل ۋە ھەقىقىي باھالاپ چىقىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چىڭ گاڭ:" بۇ خىتاي تەھدىت نەزىرىيىسىنى تەرغىپ قىلغانلىق "

ھالبۇكى، بۈگۈن ئەتىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان " خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى يىللىق دوكلات" ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشى " ھەقىقەتنى ئېغىر بۇرمىلىغانلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىق" دېدى.

ب ب س دا نەقىل ئېلىنىشىچە، چىڭ گاڭ ئامېرىكا 3- مارت ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى دوكلات ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى "خىتاي تەھدىت نەزىرىيىسى" نى تەرغىپ قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى:" بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇر ئەندىزىسى "

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ ئامېرىكا ئېلان قىلغان يۇقىرىقى دوكلاتقا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھازىرلىق كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ باۋدۇڭ "تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى" ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ بىر پۈتۈن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە زۆرۈر ھازىرلىقلارنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ۋاڭ باۋدۇڭ يەنە، ئامېرىكا ئېلان قىلغان يۇقىرىقى دوكلاتنىڭ "خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق بولۇپ، تىپىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇر ئەندىزىسى " نى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3- مارت ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 2007- يىلى 11- ئايدىكى مۆلچىرىگە ئاساسلىنىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 990 دىن 1070 دانىغىچە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بارلىقى، خىتاينىڭ بۇ ساننى ھەر يىلى 100 دانىدىن كۆپەيتىش سۈرئىتى بۇيىچە ئامبارلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا- يېراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن باشقا يەنە، يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بومبىلىرى بارلىقىمۇ تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 1- ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ دەل تېگىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقىدىن خىتاينىڭ بۇ بومبىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە ، خىتاينىڭ يېقىن مەزگىللىك مەقسىتى بولسا، تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىش ئېھىتماللىقى بولغان ئۇرۇشقا ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەمدە يەنە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن دەتالاشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.