رايىس: جۇڭگو ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا ئېنىقلىما بېرىش كېرەك
2006.03.16
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، جۇڭگو ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلاش زۆرۈر ۋە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان دۇنياۋى تەسىرىنى خەلقئارا ئىقتىسادى قائىدىلەر بويىچە قوللىنىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خوۋارد ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوۋنېرلار بىلەن خىتاينىڭ رايوندا باش كۆتۈرۈۋاتقان كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ مەسىلە شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 14 % ئۆستۈردى. رايىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 14 % ئۆستۈرگەنلىكى ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتكەن. ئۇ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوۋنېر بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "جۇڭگو ھەربىي خام چوتىنى بۇ دەرىجىدە ئۆستۈرۈشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى، جۇڭگونىڭ مۇھىملىقى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتنى خەلقىنى خەلقئارا سىستېمىغا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش. رايىس، "بىز جۇڭگونىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز جۇڭگو تەرەپكە ئۇلارنىڭ ھەربىي سېلىنمىنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلار بۇنىڭغا كونكرېت ئېنىقلىما بېرىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. مەن تەخمىن قىلالمايمەن. مەن ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا دىققەت قىلغان ئىدىم. شۇڭا بۇ خىل ستاتىستىكىلىق سانلارنى بەك مۇئەيەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاڭلىشىمچە جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 14 % ئۆستۈرگەن. بۇ سان ناھايىتى كۆپ. جۇڭگو بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك " دەيدۇ.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتنى 7. 14 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، ئومۇمى ھەربىي سېلىنمىنى 35 مىليارد دوللارغا چىقىرىش توغرىسىكى تەكلىپىنى تەستىقلىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پۇللار ھەربىيلەرنىڭ كىرىمى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، تەلىم - تەربىيە ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىنىدىكەن. ئەمما بۇ چۈشەندۈرۈش ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتەلمىگەن.
ئاۋسترالىيە: خىتاي - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنى "ئىجابىي تۈسكە باي مۇناسىۋەت"
كوندىلىزا رايىسنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى زىيارىتى ۋە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 3 دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇزاكىرىسى خىتاي مەسىلىسىنى ئاساسى تېما قىلغان. خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن بىرگە ياپونىيىنى ئوخشاشلا بىئارام قىلماقتا ئىدى. ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن پىكىر ئىختىلابى بولسىمۇ، لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوۋنېر، رايىس بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاپىنى يەڭگىللىتىشكە ئۇرۇندى. ئۇ، "ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تۇتقان سىياسىتىدە بىزنى بىئارام قىلىدىغان تەرەپلەر بار، دەپ قارىمايمىز " دەيدۇ. ئەمما ئۇ، ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئۆز سىياسى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنى "ئىجابىي تۈسكە باي مۇناسىۋەت" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ئەركىن سودا سىياسىتىگە رىئايە قىلىشى كېرەك
رايىس، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە بولۇپمۇ شىمالىي كورىيە يادرو پىلانى، ئىران يادرو مەسىلىسى ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا رازى بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، "ئىقتىسادنى داۋاملىق ئېچىۋېتىشكە توغرا كەلمەكتە. ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، پۇل قىممىتىنىڭ بازار باھاسىنى ئاساس قىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك " دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسىمىنى يەنىلا دۆلەت كونترول قىلماقتا. ئۇ، "ئەركىن سودا سىياسىتىگە رىئايە قىلىش مەسىلىسىدە ئەندىشە قىلىشىمىزغا يېتەرلىك سەۋەبلىرىمىز بار" دەيدۇ.
خىتاي: جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى "مۇداپىئە" خاراكتېرلىكتۇر
ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شەنبە كۈنى بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئېلىپ بارغاندا، خىتاينىڭ رايون بىخەتەرلىكىدىكى رولىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارۇ ئاسو يېقىندا ئامېرىكا Wall Street Journal گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرغان.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي ھەربىي خام چوتى بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 10 ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا. تارو ئاسو ماقالىسىدە، "جۇڭگونىڭ ئىمپېرىيە قۇرۇش دەۋرى ئاخىرلاشقانلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەيدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى شەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تەرەپنىڭ ھەربىي خام چوت توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، "جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى پۈتۈنلەي ئاشكارا ۋە مۇداپىئە خاراكتېرلىكتۇر. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئوبېكتىپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دائىرىلىرى: جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە
- پەنتاگون دوكلاتىدا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي رەقىبى دەپ كۆرسەتتى
- خاباروۋسىكىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچەيمەكتە
- ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
- كوندالىزا رايىس كانادانى زىيارەت قىلدى
- رامىسفېلد خىتايدىكى نىقاپلارنى ئېچىۋەتمەكچى