ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
2005.07.20
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ " ئىستراتېگىيىلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى" دا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنى كۈچەيتىش ۋە ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى جىددى تىزلەتمەكتىكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەلىپى بويىچە تەييارلانغان. بىراق دوكلات بىرقانچە ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
خىتاي ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مەخپىي ۋە جىددى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ جىددى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك، مەخپىي تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانى دېڭىز، ھاۋا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش شۇنداقلا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ زور قىرغىنچىلىك ئىقتىدارىغا ۋە تېخنىكا كۈچىگە ئىگە قىلىشنى ئۈز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايلار ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتى شۇنداقلا يۇگۇسلاۋىيىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن ۋە رەقىبىنىڭ يوشۇرۇن ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىققان.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانى بەزى دۆلەتلەردە تەتقىقات باسقۇچىدىكى ئەڭ زامانىۋى قوراللارنى ياساش بويىچە، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشىش يولىدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي بۇ جەرياندا ھەربىي سۈنئىي ھەمراھ، سۈنئىي ھەمراھغا قارشى قوراللار شۇنداقلا رەقىبىنىڭ ئېلېكترونلۇق مېڭە ۋە ئالاقە سېستىمىسىنى پالاچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.
دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋال ئاسىيادا ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىدىكى ئۆزگۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامېرىكا ۋە زامانىۋى ھەربىي كۈچكە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ رايوندىكى ھەرىكىتىگە يوشۇرۇن تەھدىت پەيدا قىلماقتىكەن. بىراق دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئاسىيا سىرتىدىكى رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى يەنىلا چەكلىك، دەپ كۆرسەتتى.
تەيۋەن - ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئاساسى ھالقىسىدۇر
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتاي ھەربىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئاساسى ھالقىسى تەيۋەن، دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى توساشنى قارار قىلغان بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىغا ئىلغار تىپتىكى يېڭى ھەربىي قوراللار سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ قوراللار زور مىقداردىكى قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايلارنىڭ قانداق تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىقا ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇ، مۇخبىرلارغا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتىدا تېپىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رامسفىلد " دوكلات بۇ دۆلەتنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلى شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەربىي سېلىنما ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش يولىدا چىقارغان قارارلىرىنى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكلىك بىلەن چۈشەندۈرگەن،" دېدى.
پاكىتلار ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى ئاساسلىقى چەتئەلدىن سېتىۋالغان قورال - ياراق ۋە تېخنىكىغا تايانماقتىكەن.
دوكلاتتا، رۇسىيە خىتاينى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت، دەپ ئەسكەرتتى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا بەزى ھەل قىلغۇچ تېخنىكىلارنى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ھەربىي ئەسلىھەلەر سېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. رامسفىلدنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دوكلات ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى چىقىشتىكى سەۋەپلىرىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ) رامسفىلد - 2 ( ئۇ، " دوكلاتتا پرېزىدېنت بۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونى بىكار قىلماسلىققا چاقىرىشتىكى سەۋەپلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان،" دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەنگە ۋە ياكى باشقىلارغا ھەربىي كۈچ بىلەن قارشى تۇرۇش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىيەت ئۈستىدىن خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ، " ئومۇمى يۈزلىك توقۇنۇشپەيدا قىلىش" مۈمكىنچىلىكى بارئىكەن.
ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى بىلمەيدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى بىلسىمۇ، ئەمما ھەربىي تەرەققىياتنىڭ نۇرغۇن تەپسىلاتلىرىدىن خەۋەرسىز بولۇپ، خىتاينىڭ بىر قانچە تۈرلۈك يېڭى ھەربىي ياراقلار سىستېمىسى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسكەن.
دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىۋاتقان ھەربىي خام چوتى توغرىسىدا ئېنىق سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان. دوكلاتتا پەرەز قىلىشىچە، خىتاينىڭ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى 90 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ سان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەسمى رەقەمدىن 3 ھەسسە كۆپ. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ پەرىزى توغرا بولسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ يىللىق ھەربىي خام چوتى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىدىن كېيىن دۇنيا بويىچە 3 ئورۇننى ئىگىلىگەن بولىدۇ.
دوكلاتتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەيۋەننىڭ ھۇجۇمغا قارشى مۇداپىئە تەدبىرى ئېلىش زۆرۈرىيىتى بار
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، تەيۋەننى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرىپىدىن " تىز پۈكتۈرۈلۈش" كە قارشى مۇداپىئە تەدبىرى ئېلىش زۆرۈرلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى ئىزچىل ئازىيىپ ماڭغان. گەرچە تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا بەزى ساھەلەردىكى ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى تەيۋەننىڭ تىرىشچانلىقىدىنى بېسىپ چۈشكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي پۈتۈن ئارمىيىسىنى قايتا رەتلەشكە باشلىدى
- خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكىغا تەھدىتمۇ؟
- دونالد رامسفېلد، خىتاي ھەربىي خىراجىتىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئەيىبلىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالى ئېغىر
- رابىيە قادىرغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىدىگە ئۇچرىماقتا