ئامېرىكا دائىرىلىرى: جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە


2006.03.01
CHINA-RUSSIA-MILITARY-200.jpg
2005-يىلى 22-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قىڭداۋدا رۇسىيە بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. AFP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون نىگرىپونتى گۇۋالىق بېرىپ، جوڭگو ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش يولىدا مۇقىم قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، دەپ كۆرسەتتى.

نون نىگرىپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ساھەدىكى مۇقىم تەرەققىياتى بېيجىڭنى ئاخىرى ئامېرىكا بىلەن تەڭ تۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن. جون نىگروپونتى "يەر شارىلاشقان ئىقتىساد ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئاسىياغا قېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. جوڭگو بۇ رايوندىكى مۇقىم سۈرئەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان دۆلەت. مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەخمىن قىلغىلى بولىدىغان رىقابەتچىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دىققىتىنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە

جون نىگرىپونتى يەنە "تاشقى سودىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ خەلقئارادىكى سىياسى تەسىرىنى كۈچەيتمەكتە. ھەربىي زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ساقلىماقتا،" دەيدۇ. نىگرىپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دىققىتىنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان. ئۇ، بېيجىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سىياسى تەسىرىنى ئىقتىسادى "ھۇجۇم" بىلەن كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەردە جۇڭگونىڭ كۈچىيىشىدىن تۇغۇلغان ئۆچمەنلىكنى توسىماقچى، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما نىگرىپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگونىڭ تەسىر دائىرىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرلىگەن ھالدا كېڭىيىشى مۇمكىن.

جون نىگرىپونتى، خىتاينىڭ رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۇنيادىكى ئاساسلىق كۈچلەر بىلەن ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يېقىندىن بېرى لاتىن ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا، خىتاي ھازىر پۈتۈن "زىھنى كۈچى ۋە غەيرىتىنى" ئىشقا سېلىپ، ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قوغلاشماقتا ۋە قورال - ياراقلىرىنى يېڭىلىماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما نىگرىپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى چوڭ دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بەزى زور توسالغۇلارنى يېڭىشى كېرەك.

خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت

خىتاي مەسىلىسىدە بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ھەربىي كۈچىنى قۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقۇقى بار. بىراق مەن ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قولىدىكى ھەربىي كۈچ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا كېتىدىغان ھەربىي كۈچتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار مۇمكىن بولسا قوللىنىدىغان ھەرىكەت مەزكۇر رايوندا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش، ھەتتا ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلىش بولۇشى مۇمكىن،

نىگرىپونتى، "بېيجىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتىنى ساقلاش، ئىشسىزلىقنى كونترول قىلىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر،" دەيدۇ. جون نىگرىپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بۇ نىشانغا يەتمەكچى بولسا مائارىپ ئىسلاھاتى، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنى پەسەيتىش، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دۆلەت باشقۇرۇشنى تۈزەش قاتارلىق بەزى ھالقىلىق ئىقتىسادى ۋە قانۇنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

خىتاي دىققىتىنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە "جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تۈزۈم مەسىلىسى ۋە كومپارتىيىنىڭ پۇقرالارنى سىياسەتكە ئارلىشىشتىن چەكلەش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا،" دىدى.

جون نىگېرىپونتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئەركىنلىكنى باستۇرۇش سىياسىتى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى قىئىسمىدىكى جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاي تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

خىتاي تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان قوراللار

شۇ كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مايكىل مەپىلېس، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قورال - ياراق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ، خىتاي تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان قوراللار "بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچلىرىنى يېڭىلاش ۋە كۈچەيتىش، ئەمىلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەھدىت سېلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەسىلىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايكىل خايدېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي يىغىلىش ئىقتىدارى ئۇ ئېھتىياج بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بۇ دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مايكىل خايدېن، "جوڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيىسىدە بۇ كۈچكە ئىگە بولساق ئۇلۇغ بىر دۆلەتنى قۇرغان بولىمىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۇلۇغ دۆلەت، دەپ قارىلىمىز، دەيدىغان بىر خىل تۇنۇش بار،" دەيدۇ.

خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن

بۇ قېتىمقى يىغىنغا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون ۋارنېر يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. ‏ جون ۋارنېر "خىتاي مەسىلىسىدە بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ھەربىي كۈچىنى قۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقۇقى بار. بىراق مەن ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قولىدىكى ھەربىي كۈچ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا كېتىدىغان ھەربىي كۈچتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار مۇمكىن بولسا قوللىنىدىغان ھەرىكەت مەزكۇر رايوندا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش، ھەتتا ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلىش بولۇشى مۇمكىن،" دەيدۇ.

خىتاي يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى ھەربىي خام چوتىنى يىلىغا ئىككى رەقەملىك سان بىلەن كۆپەيتىپ ماڭماقتا. خىتاي 2005 - يىلدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي خام چوتىنى 30 مىليارد دوللار، دەپ جاكارلىغان. بۇ ساننى خىتاينىڭ 2004 - يىلدىكى ھەربىي خام چوتىغا سېلىشتۇرغاندا 6.12 پىرسەنت ئاشقان. ئەمما ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي خام چوتى 90 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ئاينىڭباشلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن ھەربىي " رىقابەتچىسى،" دەپ ئاتىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت ئەمەس، دەپ ئاقلىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.