
ئامېرىكا كارنېگى فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىش پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئامېرىكىدىكى خىتاي ھەربىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى، بولۇپمۇ "ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى" نىڭ ئەزاسى لاررىي ۋورتزېل ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئانالىز مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى فېڭ دېۋېيلار دوكلات بەردى. ئۇلار، يىغىندا خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىش پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكتە
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى كۆپەيتمەكتە شۇنداقلا ھەربىي قىسىملارنى يېڭى تىپتىكى زامانىۋى قوراللار، ئاساسى ئەسلىھەلەر ۋە يېڭى ھەربىي ئىدېئولوگىيە بىلەن قوللاندۇرۇشقا ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ چېگرا سىرتىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2006 - يىلى ئېلان قىلغان "چارەك مەزگىللىك مۇداپىئە دوكلاتى" دا تۇنجى قېتىم خىتاينى ئامېرىكىنىڭ يوشۇرۇن "رىقابەتچىسى" دەپ ئاتىغان شۇنداقلا خىتاي ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەخپىي قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىتاينىڭ كېلەچەكتىكى مەقسىدىگە نىسبەتەن گۇمان تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ۋە كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە قوللىنىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى، بولۇپمۇ خىتايلار سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئەھۋالدا ئويلىشىش كېرەكمۇ - يوق ؟ دېگەن مەسىلە، ۋاشىنگتوندىكى مۇتەخەسسىسلەر باش قاتۇرۇۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ سىرتىدا خىتايلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆتكۈر نازۇك ھەربىي تېخنىكىلارغا، بولۇپمۇ ئۇرۇش ئايرۇپىلانى، سۇ ئاستى پاراخوتى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئەسلىھەلىرىگە، يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىگە ئېرىشمەكتە. ئالدىنقى كۈنكى يىغىندا بۇ ھەربىي تەييارلىقلار ئامېرىكا ئۈچۈن نېمىنىڭ بىشارىتى ؟ خىتاينىڭ نىشانى شۇنداقلا ئۇنىڭ يېڭى ھەربىي نەزىرىيىسى ۋە ئىستىراتېگىيىسىنى قانداق باھالاش كېرەك ؟ ئەگەر خىتاي ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بولسا ياكى كەلگۈسى 10 - 15 يىل ئىچىدە تەھدىت سالىدىغان ئەھۋالغا كەلسە، ئامېرىكا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك ؟ دېگەن مەسىلىلەر تالاش تارتىش قىلىندى.
خىتاينىڭ دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ غەرىزىنى بىلىش تەس
"ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى" دىكى كاررىي ۋورتزېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچلەر تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا چوقۇم توقۇنۇش بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خىتاينى قورشاش سىياسىتى بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۇ، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئەركىن سايلام بىلەن قۇرۇلغان بىر پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار ئەمەسلىكىنى شۇنداقلا خىتاي ھەربىي نەزىرىيىچىلىرىنىڭ دائىم ئۆز بىخەتەرلىكى ئەمەس، باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، " خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دائىم ئاغىزىدا تەكىتلەيدىغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى غەرىزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ غەرىزى ئېنىق ئەمەس. مېنىڭچە خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىش نىشانى ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان، يەر شارى خاراكتېرلىك مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھەربىي كۈچلەرنى تەييار قىلىش. ئۇلارنىڭ پىلانى كەلگۈسى 20 - 30 يىل ئىچىدە بۇ نىشانغا يېتىشتۇر" دەيدۇ.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئانالىز مەركىزىدىكى فېڭ دېۋېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ نىشانى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان قىسىملار بولۇشتىن دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئاساس قىلىدىغان قىسىملارغا ئۆزگەرتىشتۇر. ئۇ، خىتاي ھەربىي زامانىۋىيلىشىش پىلانىنىڭ ئاساسى نىشانى تەيۋەن شۇنداقلا تەيۋەننى قوغداۋاتقان ئامېرىكىغا قارىتىلغان، لېكىن ياپونىيە بىلەن ھىندىستان خىتاينىڭ نىشانىدىكى 2 - ۋە 3 - دۆلەتلەر، دەپ كۆرسەتتى. فېڭ دېۋېي، خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچىنى ھەربىي قىسىملارنىڭ تەرەقىياتىغا قاراتقانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ۋە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئورۇنسىز ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇ، " مېنىڭچە بىز خىتاي بىلەن يەرشارى خاراكتېرلىك ھەربىي ھازىرلىقلار رىقابىتىنىڭ بوسۇغىسىدا ئەمەس. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ چوقۇم بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىش كېرەكلىكى بېكىتىۋېتىلگەن ئەمەس. ئەگەر ئىشلار توسالغۇسىز يۈرۈشسە، خىتاي كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە شەرقىي ئاسىيادا ئامېرىكىدىن قالسا 2 - چوڭ ھەربىي دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز زامانىۋىيلاشتۇرۇشى، خىتاي بىلەن ھەربىي كۈچلەر پەرقىنى چوڭايتىشى كېرەك "دەيدۇ.
كارنىگىي فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2 - باسقۇچىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. (ئەركىن)