ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا ئوربىتىدىكى بىر ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ئامېرىكىغا بېرىلگەن بىر سىگنال، دەپ كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى قوللىنىدىغان تېگىشلىك تەدبىرى ھەققىدە توختالدى.
سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى - دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ۋەقە
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى تېررورىزم، پەن- تېخنىكا ۋە يۇرت بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ پېشقەدەم مەسئۇلى جون كيېل ۋە ئاۋام پالاتا يۇرت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ پىشقەدەم ئەزاسى جېين خارمېنلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ 2010 - يىلى ئاۋىئاماتكا ياساپ چىقىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدا تاسادىپىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا، خىتاي ئاۋىئاماتكىسى ئۆزىنىڭ رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن.
خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نادىر تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرىدۇر. جون كېيل بولسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ پېشقەدەم جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى شۇنداقلا ئامېرىكا سىياسى سەھنىسىدە گېپى ئۆتىدىغان ئەرباپلارنىڭ بىرىدۇر. جون كېيلنىڭ يىغىندا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ۋەقە بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئالاقە، پۇل - مۇئامىلە، دۆلەت ئىچىدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا ئىنكاس قايتۇرۇش شۇنداقلا ھاۋا قاتنىشى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسىغا تايانماقتا.
"خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىدىكى بېكىنمىچىلىك ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كۆزىمىزنى تېڭىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرماقتا"
جون كېيلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت بولۇپلا قالماي، بۇ تەھدىت ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. ئۇ، خىتايلارنىڭ سۈنئىي ھەمراغا قارشى ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى بۇنىڭ بىر مىسالى، دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا بۇنى ئامېرىكىغا بېرىلگەن بىر سىگنال، دەپ ئەسكەرتتى. جون كېيلنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا ئامېرىكا ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پائالىيىتى دەخلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ، " بىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىمىزنى ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى باشقىلارنى قورقۇتۇش كۈچىمىزنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىدۇر. ئەگەر بىز ئالەم بوشلۇقىدىكى مەنپەئەتىمىزنى ئاشكارا ئېلان قىلساق شۇنداقلا مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتا قەتئىي ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلىساق، ئۇ ھالدا قورقۇتۇش كۈچىمىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بىزگە چېقىلىشىدىن ساقلىنالىشىمىز مۇمكىن " دەيدۇ.
جون كېيلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا چوقۇم ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. چۈنكى ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىنى تىزگىنلەش شەرتنامىسى ئىمزالاش مۇمكىنچىلىكى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرتنامە ئىمزالىغان تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمگە رىئايە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك. ئۇ، "بۇ مەسىلە ھەققىدە ماقالە يازغان خىتاي ئالىملىرى شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە، يەنى سۈنئىي ھەمراھغا قارشى تۇرۇش پىلانىنى تەرەققى قىلدۇرغاندا تاشقىي دۇنيانىڭ كۆزىنى تېڭىشنىڭ زۆرۈرلىكى. خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىدىكى بېكىنمىچىلىك ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كۆزىمىزنى تېڭىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرماقتا " دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ئەمەلىيىتى "تىنچ باش كۆتۈرۈش " شۇئارىغا ماس كەلمەيدۇ
ئامېرىكا، غەرب ئەللىرى ۋە خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن زور مەخپىيەتلىك ئاستىدا جىمجىت قانات يايدۇرۇلىۋاتقانلىقىدۇر. ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۈندىمەكتە بولۇپ، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېيك چېنىي، خىتاينى ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئاغىزىدىكى گېپى بىردەك ئەمەس، دەپ ئەيىبلىگەن. دېيك چېنىينىڭ يېقىندا ئاۋستىرالىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئۇنىڭ "تىنچ باش كۆتۈرۈش " شۇئارىغا ماس كەلمەيدۇ. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كېيل ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدىكى يىغىندا ئامېرىكىنى ئالەم بوشلۇقىدىكى يوشۇرۇن تەھدىتكە قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلانسا، ئېغىر زىيان تارتىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
جېين خارمېن خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يۇرت بىخەتەرلىك كومىتېتىدىكى دىموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كالىفورنىيىلىك پىشقەدەم ئاۋام پالاتا ئەزاسى. جېين خارمېن خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايلار يېقىندا ئېلىپ بارغان سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى"ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك" بولۇپ، بۇ كىشىلەردە خىتاينىڭ ھەربىي مەقسىدى ۋە ھەربىي قابىلىيىتىگە قارىتا گۇمان قوزغىماقتا. ئۇ، "خىتاينىڭ ھەربىي مەخسىدى ۋە ھەربىي قابىلىيىتىنى باشتىن ئۆلچىشىمىز، ئاندىن خىتايغىمۇ قارىتىلمىغان ياكى باشقىلارغىمۇ قارىتىلمايدىغان تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى رۇسىيىنىڭمۇ ئىلغار ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى بار. ئەگەر بىز مەلۇم مەنىدىكى " ئالەم بوشلۇقى" مۇسابىقىسىغا كىرىشسەك، بۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن "دەيدۇ. جېين خارمېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئەسىگە " ھۇجۇم خاراكتېرلىك" تۈس بەرمەسلىكى ياكى "ھەربىيلەشتۈرمەسلىكى"لازىم. ئۇ، "بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق مۇھاكىمە قىلىشىمىز، ئۇنى قانداق ھەل قىلىشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك " دەپ كۆرسەتتى.
مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئىشلار توسالغۇسىز ماڭسا، خىتاينىڭ 2010 - يىلغا قەدەر ئاۋىياماتكا ياساپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ قارالماقتا. كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كېيل، خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاۋىياماتكا ياساش پىلانى ھەققىدە توختالدى. كېيلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئامېرىكا ھەربىي رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي ئاۋىياماتكا ياسىسا، بۇنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ باقمىغان. لېكىن ئۇ، ئەگەر خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدا تاسادىپى ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، خىتاي ئاۋىياماتكىسىنىڭ رولى چوڭ بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئاۋىياماتكىنىڭ رولى ئۇزۇن مۇساپىدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە يارىسىمۇ، تەيۋەن بوغۇزىغا ئوخشاش قىسقا مۇساپىلەردە رولى چوڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)