ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينى ھىندىستان زېمىنىگە كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلدى، دەپ جاكارلىدى

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن 45 يىل بۇرۇن شىددەتلىك چېگرا ئۇرۇشى قىلغان ھىندىستان بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئاسىيا دۆلىتى يېقىنقى يىللاردىن بىرى توقۇنۇشۇشتىن ھەمكارلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىغان ئىدى.

بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سۆھبىتىدىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. مەسىلەن: ھىندىستان تېبەتنى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئەمما، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چېگرا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينى ھىندىستان زېمىنىگە كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغان دەپ قايتىدىن جاكارلىدى.

خىتاي تەرەپمۇ بۇرۇنقى قاتتىق مەيدانىغا قايتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مۇلاھىزىچىلەر ھىندىستان-خىتاي سۆھبىتىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە يېڭى سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا مەسىلىسىدىكى بايانلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ جىددىي بولماقتا

ھىندىستاندا چىقىدىغان 'قولتۇق گېزىتى' قاتارلىق گېزىتلەردە بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پرناندو مۇكىرجې 5 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى پارلامىنتتا، خىتاينى ھىندىستان زېمىنىگە كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلدى دەپ جاكارلىغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرى يېقىندا ھىندىستان- خىتاي چېگرىسىدىكى تالاش -تارتىشتىكى جايلارغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كېرىپ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بازىسى قۇردى؛ خىتاي بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پاكىستانغا يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپلا قالماي، بەلكى تېبەتتىمۇ ھەربىي ئىسكىلات قۇرۇپ يادرو قوراللارنى ساقلاشقا باشلىدى، دېگەن. ئارۇناچال شىتاتىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ 'خىتاي ھەربىي قىسىملىرى يېقىندا يەنە زېمىنىمىزگە 20 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىردى' دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ ناھايىتى قاتتىق. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سۈن يۈشى 11 ‏- ماي كۈنى 'ھىندىستان ئارۇناچال شىتاتى دەپ ئاتاۋاتقان جايلار جۇڭگونىڭ زېمىنى' دېگەن سۆزنى قايتىدىن تەكىتلىگەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى خىتاي- پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ناتايىن

ئامېرىكىدىكى جورجىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتچىسى سرىۋاستاۋا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقىدەك جىددىي تۈس ئالغان باياناتلىرى خەرىتە،يەنى خەرىتىدىكى تېخىچە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن سىزىقلارنى پەيدا قىلماقتا.

ئەھۋالدىن قارىغاندا، ‏- دەيدۇ بۇ تەتقىقاتچى، ‏- ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت ئەڭ ئاخىرقى دىئالوگ ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان چېگرا سىزىقى بەلگىلەشكە ئالدىراۋاتسا كېرەك. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىدە، 9 ‏- قېتىملىق سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ، ئەگەر غەرب تەرەپتىكى چېگرا سىزىقىنى ھىندىستان قوبۇل قىلسىلا، خىتاي تەرەپ شەرق تەرەپتىكى ئارۇناچال شىتاتىغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمدى يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان 11 ‏- قېتىملىق چېگرا سۆھبىتىدە يەنە بىر چوڭ بۆسۈش پەيدا بولۇش ئېھتىمالى يوق ئەمەس.

‏- ھازىر خىتايمۇ، ھىندىستانمۇ، پاكىستانمۇ، بۇ ئۈچ دۆلەت ھەممىسى يەنە بىر قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق ھەممە چېگرا مەسىلىسىنىڭ بىراقلا ھەل قىلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ‏- دەيدۇ سرىۋاستاۋا ئەپەندى، ‏- شۇڭلاشقا ھازىر مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى كەشمىر رايونى مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

ھىندىستان ھازىر بۇ مۇھىم نوقتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەتتا پاكىستاننى 'شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنى ھەربىي تەلىم-تەربىيە بىلەن تەمىنلىدى' دەپ ئەيىبلەش ئارقىلىق، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىقا تىرىشماقتا. ئەمما - دەيدۇ بۇ تەتقىقاتچى، ‏- ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ناتايىن.

ھىندىستان-خىتاي چېگرا توقۇنۇشىغا دائىر خەۋەر ئارخىپلىرى

1962 ‏- يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان چېگرا مەسىلىسى ئىككى جايدا. بۇنىڭ شەرق تەرەپتىكىسى ھىندىستان ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇۋاتقان دەۋردە شەكىللەنگەن 'مىكماخۇن سىزىقى'. بۇ رايوننى ھىندىستان ئارۇناچال رايونى داپ ئاتايدۇ.

ئەمما خىتاي ئۇنى 1962 ‏- يىلىدىكى ئۇرۇشتا 'جەنۇبىي تېبەت' دەپ ئاتىغان ئىدى. غەرب تەرەپتىكىسى بولسا ئاقسايچىن رايونى مەسىلىسى. خىتاي بۇ رايوننى شىنجاڭغا تەۋە دەپ قارايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى چېگرا ئۇرۇشى خىتاي بۇ جايدا تاش يول ياساشنى پىلانلىغاندا پارتلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، 1963 ‏- يىلى خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، پاكىستان بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، كەشمىردىكى 'پاكىستانغا تەۋە' دەپ قارايدىغان جايلارنىڭ بىر قىسىمىنى خىتاينىڭ كونترول قىلىپ تۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.(ۋەلى)