ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى


2005-04-11
Share

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى زىيارەت سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى يېڭى دېھلىدا، دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ بىلەن چېگرا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى نارايانان، چىگرا كېلىشىمىنى "خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان پەۋقۇللادە مۇھىم كېلىشىملەرنىڭ بىرى،" دەپ كۆرسەتتى. كېلىشىم 11 ماددىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ كېلىشىمنى چېگرا مەسىلىسىدىكى ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشنىڭ "يىتەكچى پرىنسىپى" دەپ ئەسكەرتمەكتە.

خىتاي ھىندىستاننىڭ سىككىمدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى

ناراياناننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ چېگرا لىنىيىسىنىڭ 3550 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىسىمىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. ھىندىستان ئىلگىرى خىتايلارنى ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى كەشمىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر قىسىمىنى بېسىۋېلىش شۇنداقلا ئارۇناچال پارادىش شتاتىغا تەۋە 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئىگىللىۋېلىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە ئىدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ "سىككىم مەسىلىسى ئەمدى بىز بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس"، دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

چېگرا ئىختىلابىنى ھەل قىلىشنىڭ نېگىزى تىبەت مەسىلىسى

9-ئاپرىل كۈنى، يېڭى دېھلى ساقچىلىرى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىۋاتقان تىبەتلەرنى قولغا ئالدى. AFP

تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى سىتەن نوربو، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تۈپ يىلتىزى ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سىتەن نوربو مۇنداق دەيدۇ:

" خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە ئۇلار چېگرا كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئامما مەسىلىنىڭ ئۆزىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى چېگرا مەسىلىسى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ماجراسى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىبەتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان. شۇڭا تىبەت مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس".

سىتەن نوربونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يەردىكى ئىختىلابنىڭ ئۆزى تىبەت بىلەن ھىندىستان شۇنداقلا تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىكەن.

ھەربىي ئالاقە ۋە تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ

بۇ ئارىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەر، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا ھەربىي قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلارغا چېتىلدى.

ۋېن جايباۋ بىلەن مانموخان سىڭلار ئىمزالىغان قوشما ئاخباراتىدا، " ئىككى دۆلەت ھەربىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۆز- ئارا ئىشەنچ ۋە چۈشۈنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشدىكى مۇھىملىقىنى قوبۇل قىلىدۇ،" دەپ جاكارلىدى. ۋېن جياباۋنىڭ تەكىتلىشىچە، " ئىككى دۆلەت بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلغان". ۋېن جياباۋ بىلەن سىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېرورچىلىقتىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلدى.

تىبەتلەر ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ھىندىستان سۈرگۈندىكى تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. ھىندىستان ھۆكۈمىتى تىبەتنى خىتاينىڭ بىرى قىسىمى، دەپ تونۇدى شۇنداقلا ھىندىستان زېمىنىدا تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئامما دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاندىكى تىبەتلەر يېڭى دېھلى، بانگالور قاتارلىق شەھەرلەردە ۋېن جايباۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى

ھىندىستان بىلەن خىتاي دۇنيادىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرىتى ئەڭ تېز دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت ۋېن جايباۋنىڭ زىيارىتى جەريانىدا سىككىم بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى ناتۇلا چېگرا ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشكە قوشۇلغان. ۋېن جياباۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ 2010 - يىلغىچە يىللىق سودا ھەجىمىنى 30 مىليارد دوللارغا يەتكۈزمەكچىكەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىقتىسادى كېلىشىملەر سودا، ئېنېرگىيە، سۇ مەنبەئەلىرىنى ئېچىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ھاۋا يوللار قاتنىشىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ 2004 - يىلدىكى سودا سوممىسى13 مىليارد 600 مىليون دوللار بولۇپ، ھىندىستاننىڭ سودىدىكى پاسسىپ بالانىسى بىر مىليارد 750 مىليون دوللار ئىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ھىندىستان بىلەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. خىتايلار ھىندىستان بىلەن يۇقىرى تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىققا قىزىقماقتا. ۋېن جياباۋ، خىتاي بىلەن ھىندىستان بىرلەشسە، دۇنيانىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يىتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت