خىتاي ئازاتلىق ئارمىيە باش شىتاب باشلىقى لياڭ گۇاڭليې ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى


2005.05.24
INDIA-CHINA-POLITICS-DEF-20.jpg
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى لياڭ گۇاڭليې، ھىندىستاننىڭ قوراللىق قىسىم باش قوماندانى ج . ج سىنگ بىلەن يېڭى دېھلىدا . AFP

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى لياڭ گۇاڭليې، ھىندىستاننىڭ قوراللىق قىسىم باش قوماندانى ج . ج سىنگنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندىستانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قىزىل پالاز سېلىپ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى.

لياڭ گۇاڭليې ھىندىستاندىكى زىيارىتى داۋامىدا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرا مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تېمىلاردا ئىلگىرلىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ يېقىنلىشىشىغا نېمە سەۋەب بولىۋاتىدۇ؟

تېخى بۇ يىل ئاپرىلدا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ ھىنىدىستاننى زىيارەت قىلىپ، ھىندىستان بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى سىياسىي كۆرسەتمە پىرىنسىپ كېلىشىمىنى تۈزگەن ئىدى. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، خەلقئارا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

تۈركىيىدىكى ياۋروپا-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ھەر ئىككىلا دۆلەت ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھازىر تىنچ مۇھىت يارىتىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ياخشىلاشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىختىلاپلار ئۈستىدىمۇ توختالدى.

دېگەندەك كەشمىر مەسىلىسى خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان توسالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەڭشەشكە ئۇرۇنماقتا. شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن ھىندىسستان ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن ئىران مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپمۇ، خىتاينىڭ، ھىندىستان بىلەن يېقىنلىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىن ئەپەندى يەنە شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇنچىلىك يېقىنلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن: خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئانچە يېقىنلاشمايدۇ

گەرچە نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن سىياسىي ئانالىزچىلار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇنچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەم دوستمۇ ئەمەس ھەم دۈشمەنمۇ ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ھىندىستاننىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ھەر ئىككىلىسى دېموكراتىك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ خىتايغا قارىغاندا ئوڭۇشلۇق ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 1962 - يىلىدىكى چېگرا ماجىراسى سەۋەبىدىن يامانلاشقان بولۇپ، شۇندىن بۇيان چېگرا مەسىلىسى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ توسالغۇغا ئايلانغان. شۇنداقلا ھىندىستان خىتاينى كەشمىر رايونىدىكى 38 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر جاينى ئىگىلىۋالغان دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئەمما خىتاي بولسا، ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى 90 مىڭ كۋادىرات كىلومېترلىق ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىنى ئەسلى خىتايغا تەۋە دەپ جار سالىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.