خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟


2007.08.01

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، چەت دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن، سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە مەۋجۇت مۇھىم ئىختىلاپلارغا قارىماي، ئۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي بۇ تەشەببۇسىدا بىر قەدەر غەلىبە قىلغان بولۇپ، رۇسىيە، فرانىسيە، جەنۇبىي ئافرىقا، پاكىستان، تايلاند ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ھېلىمۇ سىياسىي جەھەتتىن نۇرغۇن ئىختىلاپلار مەۋجۇت

خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ يىرىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ھېلىمۇ سىياسىي جەھەتتىن نۇرغۇن ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ، تېخى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر ئىشەنچ تۇرغۈزۇلمىغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەربىي مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىشنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەربىي تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ھەمدە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بۇ مەقسەتنى نىشان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھىندىستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن . خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ھىندىستان قورالللىق قىسىملىرى باش شتابىنىڭ رەئىسى جى جى سىڭنىڭ ئۆتكەن ماي ئېيىدا خىتايغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا، ئالدىمىزدىكى ئۆكتەبىر ئېيىدا تېررورچىلىققا قارشى بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا قارار ئالغان.

سىڭنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، " زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىرلار ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى" دېيىلگەن.

چېگرا ئىختىلاپى ۋە خىتاينىڭ پاكىستانغا قورال-ياراق ئېكسپورت مەسىلىسى

لېكىن سىياسىي مۇلاھىزىچى جاگاننات پاندانىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە خىتاي ‏- ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىشىچە، گەرچە بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تەشەببۇسلار، خىتاي ‏- ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئويىنىسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولغان گۇمان، تېخى بىر تەرەپ بولمىغان چېگرا ئىختىلاپى ۋە خىتاينىڭ پاكىستانغا قورال-ياراق ئېكسپورتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھىندىسىتان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللار ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا جايلاشقان ئارىناچال پرادىش شتاتى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مۇددىئاسى شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئاروناچال پرادېش شتاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت خادىمىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى، خىتاي -ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىختىلاپلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئالدىمىزدىكى ئۆكتەبىر ئېيىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ھىندىستان بىلەن خىتاي بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن سۇئاللار مەۋجۇت بولۇپ، نۇرغۇن ئانالىزچىلار، بۇ مانېۋىرنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىشتىن باشقا، بىر ئەھمىيىتى يوق دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.