ھىندىستان - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشىنىش ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى

0:00 / 0:00

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنخا بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، ئۆز دۆلىتىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى ئارۇناچال شتاتىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ئىدى، بۇنىڭغا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى. 'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغا قەدەر، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىش ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى.

'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' مۇناسىۋەتكە چېگرا مەسىلىسى تاقاشمايدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنخا 1 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنىدىن 15 كۈنىگىچە بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' خىتاي -ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھازىرقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چېگرا مەسىلىسى تاقاشمايدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، 1 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى خىتاينىڭ 'شىڭداۋ گېزىتى' ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە پائالىيەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاشنى توختاتمىغانلىقىغا شۇنداقلا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى 'مېكماخۇن سىزىقى'دا ھىندىستان تەرەپ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىغا نارازى بولماقتا، دەپ بايان قىلدى.

پېشقەدەم تەتقىقاتچى مانورانجان موخاتى مۇلاھىزە ئېلان قىلدى

بۇ ھەقتە، ھىندىستاننىڭ 'خىتاي تەتقىقات مەركىزى'دىكى پېشقەدەم تەتقىقاتچى مانورانجان موخاتى ئەپەندى 'نېۋكېراتا' تور گېزىتىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز -ئارا ئىشىنىشنىڭ دەرىجىسى 'چېگرا مەسىلىسى' تۈپەيلىدىن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى.

‏-‏ ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنخا 1 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئارۇناچال شتاتىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ئىدى، ‏-‏ دەيدۇ پېشقەدەم تەتقىقاتچى موخاتى ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، - ھىندىستانلىقلار ئارۇناچال شتاتىنى 'شەرقتىن چىقىدىغان قوياش نۇرى ھىندىستانغا كىرىدىغان جاي' دەپ ئاتايدۇ. باش مىنىستىر مانموخان ئۆزى 1991 ‏- يىلى ھىندىستان پارلامېنتىغا ئارۇناچال، ئاسام شىتاتلىرىدىن سايلانغان ۋەكىل ئىدى. باش مىنىستىر مانموخان خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئارۇناچال شتاتىغا بارالمىغىلى 10 يىل بولغان ئىدى. پۈتۈن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئارۇناچال شىتاتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى باشقا جايلاردىن كېيىن قالغان ئىدى، شۇڭلاشقا ‏، -‏ دەيدۇ تەتقىقاتچى موخاتى ئەپەندى، ‏-‏ باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقى تۇرغان گەپ. بۇ قېتىم ئۇ ئارۇناچالنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ رايونغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قارار قىلدى.بۇ ھىندىستاننىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ئەمما بۇنىڭغا خىتاي نارازىلىق بىلدۈردى.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى ئارۇناچال ۋە ئاقسايچىن مەسىلىسى

تەتقىقاتچى موخاتى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2000 كىلومېتىرلىق چېگرا سىزىقى بار، ئەمما بۇ سىزىق رەسمى بېكىتىلگەن سىزىق ئەمەس، تارىختىن قېپقالغان مەسىلە. بۇ چېگرا مەسىلىسى ئىككى رايونغا بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇنىڭ بىرسى ئارۇناچال رايونى.بۇ رايون ھازىر ھىندسىتاننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا، بۇنى ھىندىستان 'ئارۇناچال شىتاتى' دەپ ئاتايدۇ. ئەمما خىتاي بۇ جاينى 'جەنۇبىي تېبەت' دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىدۇ. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنىڭ يەنە بىرى ئاقسايچىن رايونى. بۇ جاي ھازىر خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدا، ئەمما بۇ جاينى ھىندىستان ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قارايدۇ. بۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن 1962 ‏- يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك چېگرا ئۇرۇشى بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەسىلە ھەل قىلىنمىغان ئىدى.بۇ مەسىلە شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل مەۋجۇت. مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن ھىندىىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى پات-پاتلا جىددىيلىشىپ قالىدۇ.

تەتقىقاتچى موخاتى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2005 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. شۇ يىلى 4 ‏- ئايدا، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ھىندىىستاننى زىيارەت قىلغاندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. 2006 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدا، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھىندىىستاننى زىيارەت قىلغاندا يەنە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. بۇ باياناتلارنىڭ ھەممىسىدە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ، چېگرا مەسىلىسى بۇنىڭغا كاشىلا بولمايدۇ، دەپ تەكىتلەندى. شۇنداقلا بۇ ئىككى دۆلەت 2007 ‏- يىلىنى 'خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ساياھەت يىلى' دەپ بېكىتتى. گەرچە ھىندىىستان تەرەپ خىتاي بىلەن بولغان دۆلەت مۇناسىۋىتىدە 'سەزگۈر مەسىلە' نى ئىمكان قەدەر گەۋدىلەندۈرمەسلىككە تىرىشسىمۇ، ئەمما خىتاي ھەدىسىلا يۈز ئۆرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ قوپۇدۇ.

خىتاي چېگرانىڭ بىر تەرىپىدە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

تەتقىقاتچى موخاتى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئارۇناچال شىتاتىنىڭ بىر تەرىپىدە، گەرچە ھىندىستان دىپلوماتىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىمكان قەدەر جىم تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما يەنە بىر تەرىپىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بىزنىڭ زېمىنىمىز دېگەن گەپنى تەكىتلەۋاتىدۇ ۋە ھىندىستانغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ھىندىستان ئارۇناچال رايونىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى، بۇ سەزگۈر مەسىلىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. ھازىر بۇ مەسىلە تەبىئىي ھالدا يەنە مەيدانغا چىقتى. (ۋەلى)