خىتاي بىلەن ھىندىستان " قولمۇ - قول 2007 " ناملىق تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزمەكتە


2007.12.20

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا 9 كۈن داۋاملىشىشى پىلانلانغان، " قولمۇ - قول 2007 " ناملىق تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مەشق، چارشەنبە كۈنى يەنى 19 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە باشلاندى. ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى يېرىم ئەسىردىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت ھەربىي كۈچلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مەشق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر دەپ كۆرسىتىلدى.

چىنگاڭ: ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئاساسى ئېقىم

ھىندىستان بىلەن خىتاي دۇنيادا بىر مىليارتتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بولۇش، شەرقى ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا ئەڭ چوڭ زېمىنگە ئىگىسى بولۇش، ھەر ئىككىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا بولۇش قاتارلىق ئورتاقلىقلىرىدىن باشقا، ئاقسايچىن ۋە ئارىناچال رايونىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى تالىشىش، ۋە ئاسىيانىڭ خوجايىنلىقىغا خىرىس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە، زىت نۇقتىلىرى بولغان ئىككى كۈچتۇر.

بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي مەشق ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئارىمىزدا، ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بار. مەسىلەن چېگرا مەسىلىسى. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا توسالغۇ قىلىۋالمايمىز. ھەمكارلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسى ئېقىمىدۇر."

رويترېس: ھەمكارلىقنىڭ نىشانى، مۇستەقىللىق كۈچلىرى

يۇقۇرىقىلاردىن باشقا تىبەت مەسىلىسى، كەشمىر مەسىلىسى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىمۇ خىتاي- ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە چېتىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەردۇر. خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر ھەربىي مەشىقنىڭ مەقسىتى ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى، بۆلگۈنچىلىككە، رادىكالىزمغا ۋە تېرورىزىمغا ئورتاق قارشى تۇرۇشتۇر.

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىدا شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن، كۈرەش قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا رەھىمسىز باستۇرۇش يولىنى تاللىغان بولۇپ، بۇ مەشق ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن بېسىلىۋاتقان قەدەملەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئۆزارا ئىشەنچسىزلىك ئاساسى ئورۇندا

1962 ‏- يىلى 20 ‏- ئۆكتەبىردىن 21 ‏- نويابىرغا قەدەر داۋام قىلغان خىتاي‏-ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كوپ قېتىملاپ سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىلگىرىلەش بولمىغان. پەقەت، 2004 ‏- يىلى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 10 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ناتۇلا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان.

2005 ‏- يىلى ئاپرىلدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 21 ‏- ئەسىردە دۇنيانىڭ يېتەكچى دۆلەتلىرى قاتاردىن تەڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىلگىرىلەشلەر ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۆزارا ئىشەنچسىزلىكنى يوقۇتالمىغانلىقى ئۇزۇن بارماي ئاشكارىلانغان. ھىندىستاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا بولۇش ئارزۇسىغا دەسلەپ رازىلىق بىلدۈرگەن ۋېن جياباۋ، بېيجىڭغا قايتقان كېيىن بۇ پىكرىدىن يېنىۋالغان. 2005 ‏- يىلى ئېچىلغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىق يىغىنىدا، خىتاينىڭ نازارەتچىلىك ئورنىغا ھىندىستان قارشى تۇرغان.

ھىندىستان، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پاناھگاھى بولۇش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنياغا چىقىش ئىشىگىدۇر؛ يەنە بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تىبەت يولى ئارقىلىق چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئۈچۈنمۇ ھىندىستان بىر ئۆتەڭ بولۇپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن، بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشق رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىشارەت قىلىنغىنىدەك، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ ھەركەت دائىرىسىنى تارايتىش ئۈچۈن بېسىلىۋاتقان قەدەم بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.