گېرمانىيە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا خىتايلارنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكى

0:00 / 0:00

2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىغا قارىتا مەدەنىيەتلىك بولۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان. "ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، يېڭى ئىستىل تىكلەش" شۇئارى ئاستىدا قانات يايدۇرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان.

خىتاي ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى "خالىغانچە تۈكۈرۈش -- ئالاھىدە تەنھەرىكەت" ناملىق خەۋىرىدە، خىتايدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك شەھەر ئاھالىسى ھېسابلانغان بېيجىڭلىقلارنىڭ خالىغان چاغدا گېلىنى قاتتىق قىرىپ، خالىغان يەرگە تۈكۈرىدىغان سەت ئادەتلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن توختالغان. بەزى گېرمانىيىلىكلەر بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. مەزكۇر رادىئونىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر خەۋىرىگە "جۇڭگولۇقلار چاينى كۆپ ئىچىدۇ، توپلىشىپ تاماق يەيدۇ، بارماقلىرىنى ئۇرىدۇ،" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان قىلىقسىزلىقلىرى بايان قىلىنغان.

باش شىتابى بېرلىندىكى "بىخەتەرلىك ۋە كۆزىتىش مەركىزى" نىڭ خىزمەتچى خادىمى دامەنى ئەپەندى، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: " خىتاي شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ ناچار ئىللەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئاۋال، ئاڭ - سەۋىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى لازىم. بىز خىتاينىڭ تەرەققى قىلغان - قىلمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىكى ھەشەمەتلىك بىنالارغا، خىتاي دۆلىتىنىڭ يىللىق ئېكىسپورت سوممىسىغا ئەمەس، بەلكى ئادەملىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە قارايمىز. ھالبۇكى، بىزنىڭ بۈگۈن كۆرىۋاتقانلىرىمىز كوممۇنىستىك ئاڭ، ھەقسىزلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىكتىن ئىبارەت" دېدى ھەمدە بۈگۈن گېرمانىيىگە ساياھەتكە كېلىۋاتقان خىتايلارنىڭ قالاقلىقىدىن ئۇلارنىڭ زادى قانچىلىك تەرەققى قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ ئىللەتلىرى

"خالىغانچە تۈكۈرۈش -- ئالاھىدە تەنھەرىكەت" ناملىق خەۋەردە يېزىلىشىچە، خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ناچار ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جەرىمانە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپمۇ ئۈنۈم قازىنالمىغان. ھازىرغىچە خىتايدا خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش ۋە مىشقىرىش ئادەتلىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. دېڭ شاۋپىڭنىڭمۇ دائىم گېلىنى قىرىپ تۈكۈرىدىغان ئادىتى بار ئىكەن. ئۇ چەتئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە تۈكۈرۈك قاچىسى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. جاۋ زىياڭنىڭ بۇرنىنى كولاۋاتقان رەسىمى مەتبۇئاتلاردا ئۇزۇنغىچە تەشۋىق قىلىنغان ئىدى.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، خىتايلارنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق ۋە ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق ئادىتى گېرمانلارنى بىزار قىلغان. كۆلىنن شەھىرىدىكى بىر ساياھەت شىركىتى خادىمىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيىگە ساياھەتكە كېلىدىغان خىتايلار بەزىدە دېگەن قەرەلدىن بالدۇر كېلىۋالسا، بەزىدە ھەپتىلەپ كېچىكىپ كېلىدىكەن. بەزىدە ھەتتا قوشنا ئەللەرگە كېتىپ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ساياھەت پىلانلىرىدا دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇ ھال گېرمانىيە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ نورمال خىزمەت كۈن تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزگەن ۋە خىتاي ساياھەتچىلىرىدىن سەسكىنىش كەيپىياتلىرىنى پەيدا قىلغان.

فرانكفورتتىكى بىر گېرمان ئاشخانا خوجايىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ساياھەتچىلىرى گېرمان ئاشخانىسىغا تاماققا كىرسە، بۇ ئاشخانىدا بىر قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدىكەن. ئاشخانا خادىملىرى ئالدى بىلەن دەرھال يېتەرلىك دەرىجىدە چاي ھازىرلاپ قويۇشى كېرەككەن. خىتايلار چاينى تاماقتىن كۆپ ئىستىمال قىلىدىكەن. خىتايلار ئاشخانىغا بىرلا ۋاقىتتا توپلىشىپ كىرىدىكەن ۋە بىر كىشىلىكتىن ئايرىم تاماق يېمەي، ئوپچى كىرىشمە تاماق بۇيرۇتۇپ، ئاشخانا خادىملىرىنى بىئارام قىلىدىكەن. تاماق ۋاقتىدا ئۈنلۈك سۆزلىشىپ، باشقا خېرىدارلارنى بىزار قىلىدىكەن. داستىخاندا ئەدەپ ساقلاشنى بىلمەيدىكەن. ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەن خىتايلارنىڭ تەكەببۇرانە ھالدا كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئۈستەلنى چېكىپ تۇرۇپ، كۈتكۈچىنى چاقىرىش ئادىتى ئەڭ سەت ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، فرانسۇزلار بۇ ئۇسۇلنى پەقەت ئىتلارغىلا قوللىنىدىكەن. بىر خىتاي ساياھەتچىسى مۇشۇنداق قىلىپ، بىر فرانسۇز كۈتكۈچىدىن دەككىسىنى يىگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيىگە سودا ئىشلىرى بىلەن كەلگەن بەزى خىتايلار سودا يىغىنى قۇلۇقىغا خوش ياقمىسا يىغىن مەيدانىدىلا ئۇخلايدىكەن ياكى ھەمرالىرى بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدىكەن ۋەياكى تېلېفوندا سۆزلىشىدىكەن. ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقىنى بىلەن ھېسابلاشمايدىكەن. يىغىن تەرتىپىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدىكەن. بۇ ھال گېرمانلارنى ھەيران قالدۇرغان.

مىليون يېۋرولۇق سودىنى بىكار قىلغان - يەل

خىتايلارنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار مۇنداق بىر ۋەقەنى تىلغا ئېلىشىدۇ: خىتايدىن كەلگەن چوڭ بىر شىركەت بىلەن گېرمان شىركىتى مەسئۇللىرى نەچچە ئون مىليون يېۋرولۇق بىر سودا ئۈچۈن توختام تۈزۈشكە باشلايدۇ. توختام تۈزۈلۈۋاتقان شۇ مەيداندا، خىتاي سودا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى توساتتىن يەل قويۇۋېتىدۇ. گېرمان خوجايىننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، سەۋرى قىلىدۇ ۋە توختامنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما خىتاي خوجايىنى ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر قېتىم يەل قويۇۋېتىدۇ. بۇ قېتىم ئاچچىقىنى باسالمىغان گېرمان خوجايىن دەرغەزەپ بىلەن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، توختام قەغىزىنى يىرتىپ تاشلايدۇ ۋە "مەن ھايۋان بىلەن كېلىشىم تۈزمەيمەن!" دەپ، خىتاي سودا شىركىتى ۋەكىللىرىنى ئىشخانىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ.

"ياۋرۇپا سودا - ساياھەت گېزىتى" نىڭ مەسئۇلى ۋۇ جىڭيۈئەن خىتاينىڭ ناچار ئىللەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ؛ "خىتاي ساياھەتچىلەر ماشىنىغا چىقسا ئۇخلايدىغان، ماشىنىدىن چۈشسە ھاجەتخانىغا يۈگۈرىدىغان، مەنزىرىلىك جاينى كۆرسە رەسىمگە چۈشىدىغان، ئۆيىگە قايتقاندا ھېچنېمە بىلمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە" دەپ يازىدۇ.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ئوغرىلىق قىلىش، قاتىللىق قىلىش، باج ئوغرىلاش، قانۇنسىز ئىشلەش قاتارلىق قىلمىشلىرى ياۋرۇپا گېزىتلىرىدە دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدۇ ۋەTV قاناللىرى نەق مەيداندىن تارتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتايلار ئۆزلىرىنى "بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت" دەپ مەيدىسىنى كېرىپ كۆرەڭلەپ يۈرۈشىدۇ. (ئەكرەم)