مۇتەخەسسىسلەر: جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىيىتى "قاراڭغۇ ھاڭ"


2006.08.23
CHINA-CURRENCY-200.jpg
100 يۈەنلىك خەلق پۇلى. AFP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جوڭگو - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى چاقىرغان سەيشەنبە كۈنكى يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ مالىيە ۋە پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق زاتلار قاتناشتى ۋە جوڭگو پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسى ھەققىدە ئىسپات بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىيىتى يوق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە جوڭگو 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولغاندا 2006 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە جوڭگو پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى چەتئەل بانكىلىرىغا ئېچىۋېتىمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن جوڭگو كېلەر يىلى كىرگىچە بۇ ۋەدىسىنى بىجا كەلتۈرۈش نىيىتىدە ئەمەس. ئەينى چاغدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەتئەل بانكىلىرىغا جۇڭگودا خىتاي بانكىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

جوڭگو ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۈزىتىش كومىتېتىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، يەر شارى ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش ئورگىنى - ئۆلچەم ۋە مۇھتاجلىقنىڭ كرېدىت بازىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىرى ۋىكېي تىلمان، "جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل بانكىلىرىغا قويۇلغان پۈتۈن توسالغۇلارنى دەرھال بىكار قىلىپ، ئۇلارغا مەشغۇلات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىش نىيىتى يوقتەك قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. تىلمان خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چەتئەللىك بانكىلار جۇڭگودا تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش، شۆبە بانكىلارنى قۇرۇش، يەرلىك بانكىلار بىلەن چەتئەل پېرىۋوت مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلاردا توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جوڭگودا پۈتۈن بانكىلارنى ھۆكۈمەت تىزگىنلەيدىغان ۋەزىيەتكە پات يېقىندا خاتىمە بېرىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ۋىكېي تىلمان، "بانكا سېستىمىسى مىللىي پۇل - مۇئامىلە بىخەتەرلىكى نامى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز كونترول قىلىنماقتا،" دەيدۇ.

خىتاي بانكىلىرى قايتۇرۇۋالالمىغان ئامان قەرز سوممىسى كۆپ

يىغىندا تەكشۈرۈش ئورگىنى - ئۆلچەم ۋە مۇھتاجلىقنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مەسئۇلى مايكىل پەتىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ئامان - قەرز مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئاجىز بانكا سېستىمىسى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە ئىسلاھاتنى خەتەرگە دۇچار قىلماقتا. جوڭگو بانكا سېستىمىسىنىڭ "ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىقى" ئامان - قەرزىنى قايتۇرۇۋالالمايۋاتقانلىقىدۇر، دەپ تەكىتلىگەن مايكىل پەتىت، ستاتىستىكىلار بويىچە خىتاي بانكىلىرىنىڭ قايتۇرۇۋالالمىغان ئامان - قەرز سوممىسى 2005 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 500 مىليارد دوللاردىن 650 مىليارد دوللارغىچە يەتتى، دەپ ئەسكەرتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكىلەرگە تەكىتلىشىچە، جوڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ساننى قايتۇرۇۋالالمىغان ئەمىلىيەتتىكى ئامان - قەرز سوممىسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغان 225 مىليارد دوللار، دەپ ئېلان قىلغان.

يىغىندا مايكىل پەتىت بېيجىڭ دائىرىلىرىنى، "جوڭگو دۇچ كېلىۋاتقان خەتەر لىبىراللاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قالغانلىقىدۇر،" دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە جوڭگو "ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادى سىستېمىسىنى تەسىرگە ئۇچراتمىغان ئەھۋال ئاستىدا قەدەممۇ - قەدەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدا بانكىلار قايتۇرۇۋالالمىغان ئامان قەرز سوممىسىنىڭ ھەجىمى مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا تالاش تارتىش قوزغىماقتا. يەر شارى مۇپەتتىش شىركىتى ئېرنىست ۋە ياڭنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، جوڭگو پۇل- مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ قايتۇرۇۋالالمىغان ئامان قەرز سوممىسىنى 900 يۈز مىليارد دوللار، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنرەك بۇ شىركەت بۇ كۆز قارىشىدىن يېنىۋالغان.

بانكا سېستىمىسىنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە ۋەيران بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار

يىغىندا جوڭگوشۇناس ۋە "پات ئارىدا يىقىلىدىغان جوڭگو،" دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ، جوڭگو - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۈزىتىش كومىتېتىغا "جوڭگونىڭ بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى ترىليون دوللارلىق تالاش تارتىشتىكى ئامان - قەرز سوممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،" دېدى. "ئەگەر مۇشۇ يولدا كېتىۋەرسە، كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە بانكا سېستىمىسىنىڭ ۋەيران بولۇش مۈمكىنچىلىكى مەۋجۇت،" دەپ تەكىتلىگەن گولدون چاڭ،" جوڭگو بانكىلىرىنىڭ بالانسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بۇزۇلماقتا،" دەپ كۆرسەتتى ۋە بانكا سىستېمىسىدىكى مەغلۇبىيەت "ئىقتىسادنىڭ يىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبىئىي." نەتىجىدە "بۇ سىياسى سىستېمىنىڭ يىقىلىشىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن،" دەيدۇ.

گولدون چاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قەرزىنىڭ كۆپلۈكى جوڭگونى قىينىماقتا. جوڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ قەرزى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئاران 18 % نى ئىگىللەيدۇ دىسىمۇ، گولدون چاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۆۋەن مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ، دۆلەتنىڭ قەرزى 81 % نى ئىگىللەيدىكەن.

جوڭگو - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۈزىتىش كومىتېتىتىنىڭ رەئىسى لاررىي ۋورتزېل، جۇڭگونىڭ پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنى "سىرلىق قاراڭغۇ ھاڭ" دەپ تەرىپلىدى. يىغىندا كومىتېت ئەزاسى پاترىك مۇلوينىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا غەزىنە چېكىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تۇيۇق يولغا ئېلىپ ماڭغان ۋە بۇ ئۆي سودىسىنىڭ قىززىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزگەن. مۇلوي، "ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئالغان قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەۋاتسا، جوڭگو بىزنىڭ يېڭى دوللارلىرىمىزنى پايدا ئالماقتا،" دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.