دۇنيا بانكىسى خىتاينى مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىش كۈچىنى كېڭەيتىشكە ئۈندىمەكتە


2006.11.16

دۇنيا بانكىسى يېقىندا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىش كۈچىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈندىدى. دوكلاتتا: ‏"ھازىر خىتاي ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىش كۈچىنى كېڭەيتىش ئىكەن. بۇنداق قىلىش خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ يەنى مەبلەغ سېلىشنى چەكلەشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ئىجتىمائىي كاپالەتكە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك

دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستېمال كۈچىنى كېڭەيتىشتە، ئالدى بىلەن مائارىپ، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىغا ئاجرىتىدىغان چىقىمنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھازىر خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سودىدىكى پەرقنىڭ ھەدىدىن زىيادە چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تاشقى مەبلەغنىڭ تېز ئېشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان خىتاي پۇلى قىممىتى مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ" دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، "ھازىر خىتايدىكى ئامانەت پۇل نىسبىتىنىڭ 40% كە يەتكەنلىكى خىتاي ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ كۆتۈرىلەلمەيۋاتقانلىقىغا سەۋەبچى بولغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئىجتىمائىي كاپالەتكە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس دوكتور دىڭ لى ئەپەندى "خىتاينىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت مەسىلىسىدە ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدە بولۇۋاتقانلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىشنىڭ چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا مەنچە دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ناھايىتى يوللۇق" دەپ بىلدۈردى:

"دۇنيا بانكىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىكىرلىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى يوللۇق. ئىستېمال قىلىش، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ ئىستېمال قىلىشى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ھازىر خىتايدا، ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن مەيلى مائارىپ جەھەتتىكى چىقىم بولسۇن ياكى داۋالىنىش جەھەتتىكى چىقىم بولسۇن ناھايىتى ئېغىر كەلمەكتە. شۇڭا ئۇلار ئىلاجى بار ئازراقلا پۇلى بولسا بانكىغا ئامانەتكە قويۇشنىلا ئويلايدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپالەت ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاز-تولا ياردەم پۇلى بېرەلىگەن بولسا، پۇقرالارنىڭ كۆپلەپ ئىستېمال قىلىشىغا بەكمۇ پايدىلىق بولاتتى".

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئېكسپورتقا تايىنىپ قالغان

ئىقتىسادشۇناس دىڭ لى ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە "ھازىر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى پەقەت ئېخپورت قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىش سەۋىيىسى بەكمۇ تۆۋەن بولماقتا. ئادەتتە كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورتقا تايىنىشى نورمال بولغىنى بىلەن، خىتايدەك بۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئېكسپورتقا تايىنىپ قېلىشى بەكمۇ نورمالسىز بىر ئەھۋال ھەمدە بۇ خىل ئېكىسپورت قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تەرەققى قىلىش ھەرگىزمۇ ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

دوكتور دىڭ لى ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئامېرىكىدىكى ئىستېمال قىلىش نىسبىتى بىلەن خىتايدىكى ئىستېمال قىلىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

"خىتايدەك بۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىش نىسبىتى دۆلەت ئىقتىسادىدا مەلۇم پىرسەنتنى ئىگىلىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى تەبىئىي ئىستېمال قىلىش نىسبىتى دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 75% ئى ئەتراپىدا بولىدۇ، لېكىن خىتاينىڭ بولسا پەقەت 30% ئەتراپىدا بولماقتا. خىتاينىڭ بۇ خىل تۆۋەن دەرىجىلىك ئىستېمال قىلىش نىسبىتى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ". (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.