خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى


2007.07.04

يېقىندا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ژىپارقۇل ئارىقوۋا ئىسىملىك قىرغىزىستان دۆلەت مەجلىسىدە ئىشلەيدىغان بىر نەپەر قىرغىزىستان پۇقراسىنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان جامائەتچىلىكىدە زور غۇل-غۇلا قوزغىلىپ كەتكەن. ئاخىرى بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي دىپلوماتىيە دائىرىلىرى بۇنى ئىنكار قىلغان.

خىتاي ئەلچىسى ھەيرانلىق ھېس قىلدى

خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىغا ئىشلەيدىغان ئادەمنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم ھاكىمىيەت ۋە قانۇن ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان پارلامېنتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋەرنى ئاڭلىغان قىرغىزىستانلىقلار بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ۋە جىددىيلىق ھېس قىلىشقان. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولغان .

قىرغىزىستان پارلامېنتنىڭ مەسئۇلى مۇرات سۇلتانوپ 3-ئىيۇل كۈنى ژۇرنالىستلارغا ئۆزىنىڭ ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

رېگنۇن ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ئورگىنى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ خادىمى ھېسابلانغان ژىپارقۇل ئارىقوۋا بىلەن خىتاي پۇقراسىنى تەڭ قولغا ئالغان بولۇپ، ژىپارقۇل ئارىقوۋا قىرغىزىستاننىڭ مەخپىيەتلىك خاراكتېرىغا ئىگە ھۆججەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن دەپ قارىلىپ، جاسۇسلۇق قىلمىشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا, خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ يەننيەن " مەن قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ خادىمىنىڭ خىتاينىڭ ئىشپىيونى دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران قالدىم" دېگەن. ئۇ، بۇنداق ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىزاھلاپ، " قىرغىزىستان ناھايىتى گۈزەل ۋە ئوچۇق دۆلەت، بۇ سەۋەبتىن ئىشپىيونلۇق ھەرىكىتى قىلىشنىڭ ھېچ قانداق ئېھتىياجى يوق " دەپ سۆزىنى كۈچكە ئىگە قىلماقچى بولغان.

خىتايغا ئۇچۇر كېرەك بولسا سوراش ئارقىلىق ئالالايدىكەن

مۇرات سۇلتانوپ خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلەپ، "قولغا ئېلىنغان ژىپارقۇل ئارىقوۋانىڭ مەخپىي ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق، ھەم ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداق ھۆججەتلەرمۇ پارلامېنتتا يوق. ئىشپىيونلۇق قىلىشقا ھېچقانداق ھاجىتى يوق ، ئەگەر خىتايغا ئۇچۇر كېرەك بولۇپ قالسا، ئۇلار بۇنىڭ ھەممىسىنى رەسمىي سوراش يولى بىلەن قىيىنچىلىقسىز ئالالايدۇ" دەيدۇ

بىراق، قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ئاخباراتىدا ئىشپىيونلۇققا ئەيىبلەنگەن پارلامېنت خادىمىنىڭ چەت ئەل پۇقراسىغا مەخپىي خاراكتېردىكى ھۆججەتلەرنى بېرىۋاتقاندا قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلىنغان.

قىرغىزىستاندا چىقىدىغان " مېنىڭ پايتەختىم" گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ژىپارقۇل ئارىقوۋا نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەل رازۋېتكىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ, مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە پۇل بىلەن تەقدىرلىنىپ تۇرغان.

"قىرغىزىستان، موسكۋا كومسومولى" گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ژىپارقۇل ئارىقوۋا بىلەن بىرگە قولغا چۈشكەن چەت ئەل رازۋېتكىسىنىڭ ۋەكىلى خىتاي پۇقراسى ئىكەن.

ھازىر ژىپارقۇل ئارىقوۋا ئىسىملىك بۇ ئايال قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ تۈرمىسىگە تاشلانغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا جىنايەت تۇرغۇزۇلسا، قىرغىزىستان جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە 12 يىلدىن 20 يىلغىچە ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىدۇ ھەم بايلىقلىرى مۇسادىرە قىلىنىدىكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر خانىم بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قىرغىزىستان پارلامېنتىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، پارلامېنتنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بىلگەن ئىكەن. ئۇ بۇ ساھەدە يەتتە يىللىق خىزمەت ۋاقتىغا ئىگە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

قىرغىزىستان مۇستەقىللىق تارىخىدىكى تۇنجى ۋەقە

قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم سېزىلگەن دۆلەتتىن يۈز ئۆرۈپ، چەتەلگە ئىشپىيونلۇق قىلىش ۋەقەسى دەپ باھالىغان بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىم بىشكەككە جەم بولۇشىنىڭ ھارپىسىدا ھەمدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بۇ يىغىنغا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان پەيتىدە مۇنداق جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ پاش بولۇشى خىتاي دىپلوماتىيە ساھەسىنىمۇ بىئەپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قويغان.

شۇ سەۋەبتىن ئاخىرى خىتاي باش ئەلچىسى ئۆزى بىۋاسىتە بۇنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولۇپ، پارلامېنت بىلەن بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.