0:00 / 0:00
نۆۋەتتە مۇلاھىزىچىلەر ،خىتاينىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى ساغلام بولمىغان خەتەرلىك ئالامەتلەرنىڭ ئاخىرى بېرىپ خىتايدا سىياسىي داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا . شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇۋاتقان ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىدەك بۇ مودىلنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا .
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن سىلەرگە، كانادا مەتبۇئاتىدا " خىتاينىڭ مۇۋاپپەقىيىتىنىڭ ھۇلىغا دەز كەتتى" دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە مەزمۇنلىرى توغرىسىدا، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن تەپسىلى تونۇشتۇرۇش بېرىدۇ .