ئامېرىكىدا يەنە كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى دېگەن تېمىدىكى خەۋەر ، تەھلىللەر كۆپىيىپ قالدى


2007.07.27

2006 ‏- يىلىدا، ئاۋسترالىيىدە خىتايدىن يۈز ئۆرىگەن دىپلومات چېن يۇڭلىن شىمالىي ئامېرىكىدا مىڭلىغان خىتاي جاسۇسلىرى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ پاش قىلغاندىن كېيىن، 'كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى' مەسىلىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا يەنە 'كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى' دېگەن تېمىدا خەۋەر ، تەھلىللەر ۋە بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار كۆپىيىپ قالدى.

7 ‏- ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان 'مۇھاجىرلار گېزىتى'، 'دۇنيا گېزىتى' ، 'يۇلتۇزلۇق ئارال گېزىتى' قاتارلىق گېزىتلەردە، كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى FBI بولسا، ئامېرىكىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھازىرقى جاسۇس تازىلاش ھەرىكىتىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن خەۋەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

7 ‏- ئاينىڭ 22‏- 23 ‏- كۈنلىرى يەنە 'بۈگۈن ئامېرىكىدا' گېزىتىدە، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى. 'بوشۈن تور بېتى'دە 2007 ‏- يىل 7 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئۈچ مىڭدەك خىتاي جاسۇسى ئامېرىكىدا ھەرىكەتتە" دېگەن ماقالىدىمۇ بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلار بايان قىلىندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تور بەتلىرىدە بولسا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار دەرھال كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.

خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىدىن ھەرخىل پەن-تېخنىكىنى ئەخلەت سۈمۈرگۈچتەك سۈمۈرۈپ توپلاپ ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ

"ئۈچ مىڭدەك خىتاي جاسۇسى ئامېرىكىدا ھەرىكەتتە" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوفىتسېرى برۇس كارلسون مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا 'ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان پەن -تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جاسۇسلار بىرلا دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرى ئەمەس، خىتايدىن باشقا يەنە رۇسىيە، ئىران جاسۇسلىرىمۇ بار.

ئەمما ئەڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقىنى كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى. خىتاي ھازىر بىر تەرەپتىن ئەڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا بىلەن بازار تالاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، جاسۇسلىرى ئارقىلىق غەربنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن ناھايىتى جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۆزىدە يوق تېخنىكىنى پۇلغا سېتىۋېلىش، بەلكى ئازلا پۇل سەرپ قىلىپ ئوغرىلاپ كېتىش ، ئىجاد قىلغانغا قارىغاندا كۆپ ئەرزان توختايتتى.

شۇڭلاشقا كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى ھازىر ئامېرىكىدا ھەرخىل پەن-تېخنىكىنى خۇددى ئەخلەت سۈمۈرگۈچتەك سۈمۈرۈپ توپلاپ ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ' دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ يىل پاش قىلىشقا كىرىشكەن 143 دېلو بىۋاستە خىتايغا چېتىلىدىكەن.

خىتاي ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرىنى ھەرگىز قۇتقازمايدۇ

"ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرىغا تاقابىل تۇرماقتا " دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، پان ئامېرىكا كاپىتالى ناملىق بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋئەن جۈشى ئەپەندى 'خىتاينىڭ جاسۇسلۇق تارىخىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە جاسۇسلۇققا سالىدىغان كىشىلەرنى، ئادەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ جەمەتلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تاللايدۇ. بولۇپمۇ 'جۇڭگو' دېگەن ئاتالغۇ بىلەن 'جۇڭگو كوممۇنىست ھۆكۈمىتى' دېگەن ئاتالغۇنىڭ پەرقىنى مۇجىمەللەشتۈرۈپ قويغان كىشىلەر ئىچىدىن تاللايدۇ.

تېخىمۇ قەبىھ يېرى شۇكى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرى چەتئەللەردە سادىر قىلغان جىنايەتلەرنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرى خەتەرگە دۇچ كەلگەندە ئۇلارنى ھەرگىز قۇتقازمايدۇ' دېگەن.

كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 'ئوقۇغۇچىلار، مۇتەخەسسىسلەر بىرلەشمىسى' كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تايانچى بازىسى

"كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىرلەشمىسى كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تايانچى بازىسى" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 'جۇڭگو تىنچلىق-دېموكراتىيە بىرلىكى' دېگەن تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تاڭ بوچياۋ ئەپەندىنىڭ 2001‏- 2003 ‏- يىللاردا نيۇيورك شەھىرىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ۋاقىتتا ھېس قىلغان ۋە بىلگەنلىرىگە ئاساسەن پاش قىلىشىچە، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 'ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىرلەشمىسى' دېگەن ئورگان كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىىرنىڭ تايانچى بازىسى. ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئۈچتەن ئىككىسى خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ نامى يېزىلمىغان، ھەر ئايدا ئۈچ مىڭ دوللارغا قەدەر پۇل ئالغىلى بولىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز كارتلىرىدىن پۇل ئېلىپ خەجلەيدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئامېرىكىغا كەلسە، مۇشۇ تەشكىلات ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ قارشى ئالغۇزىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنى قارشى ئېلىشقا چىقىدىغان ، خىتايدىكى باشقا مىللەت شەكلىدە كىيىم كىيىپ ، ئۇسۇل ئويناپ چىقىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ياكى باشقا شەخسىيلەر ئۈچۈن ، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ بىر سان ھېسابلىنىپ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن كۈنىگە ئاز دېگەندە 30 دوللاردىن 50 دوللارغىچە پۇل بېرىدۇ. كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە 'كوممۇنىست شاھزادىلىرى'نىڭ كۆپىنچىسىنى مۇشۇ مەشھۇر مەكتەپكە ئەۋەتىپ پۇل تۆلەپ ئوقۇتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىگە ماسلىشىشقا يېتەكلەپ كەلمەكتە. ئادەتتە ئامېرىكىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوقۇلىدىغان مەدىھىيەلەر، ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر، قارا تەنلىكلەرگە قىلىنغان ھاقارەتلەر، كۆپىنچە ھالدا مۇشۇ مەشھۇر مەكتەپتىكى 'ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى' دېيىلگەن تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن مەيدانغا كەلگەن.

كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا سىياسەت ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان لى تيەنشاۋ ئەپەندىنىڭ پاش قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتكەن ئىدى. خىتاي جاسۇسلىرى 1989 ‏- يىلىدىن باشلاپلا ئامېرىكىدا كۆزىتىلىشكە باشلىغان ئىدى. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىدا مائارىپ، پەن-تېخنىكا ساھەلىرى ۋە چوڭ شىركەتلەرگە سىڭىپ كىرىۋالغان خىتاي جاسۇسلىرى ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ تورىغا چۈشۈپ بولغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.