ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي تەھدىتىنى توسۇشنىڭ 10 مۇھىم تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى، 15 ‏-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ،خىتاي تەھدىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىگە 42 تۈرلۈك تەدبىر پىلانىنى سۇندى.

بۇ 42 خىل تەدبىردىن 10ئى مۇھىم تەدبىرلەر دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ھەربي ، ئىقتىسادىي، ئۇچۇر-ئاخبارات، مۇھىت ئىشلىرى ساھەلىرىگە ئالاقىدار بولۇپ ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن تېخنىكا ئوغرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى خۇپىيانەلىكىگە خاتىمە بېرىش، ھەقسىز رىقابەت يولى بىلەن يولسىز پايدا قازىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنغان .

10 مۇھىم تەدبىر

پىلاندىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 مۇھىم تەدبىرلەر تۆۋەندىكىدەك:

---ئامېرىكا دۆلەت ئاخباراتى تەشكىلاتىنىڭ، خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنى ئىگىلەش جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە بۇ جەھەتتە زۆرۈرىي تولۇقلىما ئېلىپ بېرىش.

---ئامېرىكا، ھەربىي سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان زاپچاسلارنى ئىمپورت قىلىشقا بولىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش(ھەربىي سانائەتتە قوللىنىلىدىغان زاپچاسلارنى خىتايدىن قوبۇل قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش.)

---ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ۋە ھاۋا قاتناش ترانسىپورتىنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش.

---خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ، ھەربىي ئىشلار تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا، خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

---ئامېرىكىنىڭ مۇھىم كومپيوتېر سىستېمىسى ۋە ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، زۆرۈر تېپىلسا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي، دۆلەت ئاخبارات ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئابت كومپيوتېر پروگراممىلىرىغا قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىپ، خاككېر ھۇجۇملىرىدىن قوغدىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇش.

---پۇل قىممىتىنى سۇنئىي تەڭشەشنى قانۇنسىز ئېكسپورت ياردەمچىلىگى دەپ تونۇش ۋە ئۇنى جازالاش بەلگىلىمىسى چىقىرىش، بۇ ئارقىلىق، خىتاينىڭ تاشقى سودىدىكى ھەقسىز رىقابەت ئۈستۈنلىكىگە خاتىمە بېرىش.

---ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت ئىشلىرىنى كونترول قىلىش قانۇنىنى كۈچەيتىپ، بىر قىسىم چەكلەنگەن تېخنىكىلارنىڭ ، خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە ھىمايىسىدىكى شىركەتلەر تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

---خىتايغا، خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەربى ئىشتاتلىرىغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، مۇھىت ساپلىقنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي تەرەپكە ئورتاق ھەرىكەت تەكلىپى سۇنۇش.

---تەيۋەننىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ ۋاقتى كەلگەندە، تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ھەم باشقا ئىتتىپاقداش ئارمىيەلەر بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش.

---تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە قابىلىيىگە يېتەرلىك قورال-ياراق تەمىناتىنى ھازىرلاش.

خوڭكوڭ ۋەزىيىتى كۆزىتىلىشى كېرەك

مەزكۇر چارە -تەدبىرلەر پىلانىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا تارقىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان رادىئو ‏- تېلىۋېزىسىنىڭ تارقىتىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش تەكلىپى بېرىلگەن ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن كۆرۈشكىنىدە، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تارقىتىشلىرىغا توسقۇنلۇق ھەرىكىتىنى توختىتىشقا كۆندۈرۈش تەشەببۇس قىلىنغان.

مەزكۇر پىلانىدىكى يېڭى مەزمۇنلاردىن بىرى،خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىدۇر. مەزكۇر پىلاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغان چېغىدا، خوڭكوڭنىمۇ زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇ يەردىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا 1992 ‏-يىلى يېڭى خوڭكوڭ سىياسىتى ھەققىدە بەلگىلىمە ناملىق يېڭى سىياسەت تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىگە ھەم خىتاي -ئەنگىلىيە ئارىسىدا 1984 ‏-يىلى ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئامېرىكا، ھەربىي ۋە تاشقى ئىشلاردىن باشقا پۈتۈن ساھەدە، خوڭكوڭ بىلەن بىۋاستە ئىش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم ئۇ بەلگىلىمىدە " خىتاي تەرەپ، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەرەققىياتىدىكى ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك " دەپ ئەسكەرتىلگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)