خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان شەھەر تەسىس قىلدى
2007.12.04
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان شەھەر تەسىس قىلدى. ۋيېتنام بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي شەرقىي دېڭىزدىكى خىتاي بىلەن ياپونغا چېگرىداش جايلاردا دېڭىز تەكتىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەنمۇ سۈركۈلۈپ كۆرگەن ، ھەتتا جىددىيلىكمۇ يۈز بەرگەن ، ئەمما ياپونىيە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنماي تۇرۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى جەنۇبىي دېڭىزدىمۇ، مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بار تاقىم ئاراللىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، خىتاي - ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا يەنە جىددىي تالاش-تارتىش باشلاندى.
بۈگۈن ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خانويدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن 12 -ئاينىڭ 4 - كۈنى ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىدۇڭ ئەپەندى خىتاينى 'ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى' دەپ جاكارلىدى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ بولسا 'جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېمىنى، بۇ ھەقتە جۇڭگونى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ' دەپ ۋېيتنامنىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارغا 'ۋېيتنامنىڭ تامسا، ھوۋمسا، تنامسا دەپ ئاتىلىدىغان تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. ئەمما يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەت كابىنىتى خەينەن ئۆلكىسىدە ۋېيتنامنىڭ بۇ تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان 'ئۈچ قۇم' شەھىرى تەسىس قىلدى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋېيتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق، ۋيېتنام - خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چېگرا سۆھبىتىنى بۇزغانلىق، ۋيېتنام بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ ' دەپ جاكارلىدى.
قايسى تەرەپ خەلقئارانىڭ 'دېڭىز - ئوكيان قانۇنى' غا ئەمەل قىلىۋاتىدۇ؟
ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋيېتنام ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە 1982 - يىلى ماقۇللانغان 'دېڭىز - ئوكيان قانۇنى'غا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي دېڭىز مەسىلىلىرى ھەققىدە 2002 - يىلى چىقارغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇنداقلا ۋيېتنام چېگرىسىدىكى ئاراللار مەسىلىسىدىكى غەيرى پىكىرلەر ئۈستىدە تىنچ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ئازراق پۇرسەت تاپسىلا، خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە پىسەنت قىلماي، ۋيېتنام تەۋەسىدىكى تاقىم ئاراللىرىنى 'جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ جار سالىدۇ.
خىتاي - ۋېيتنام مۇناسىۋىتىدىكى سەزگۈر مەسىلە
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1979 - يىلى خىتاي -ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ئىدى. 1988 - يىلى يەنە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرى مول بولغان تاقىم ئاراللاردا ۋېيتنامنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 70 دىن ئارتۇق ۋيېتناملىقنى سۇغا چۆكتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ۋيېتنام دېڭىزى ئارمىيىسى بىلەن بىر قېتىم جىددىي تۇقۇنۇشتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن خىتاي - ۋيېتنام مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىمۇ، خىتاي-ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا يەنىلا جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش ھەل بولمىدى، . بۇ تالاش-تارتىش پات-پاتلا جىددىيلىشىپ قالىدۇ. بۇ سەزگۈر مەسىلە تۈپەيلىدىن ، ئەنگىلىيىنىڭ BP نېفىت شىركىتى بۇ يىل 6 - ئايدا بۇ تاقىم ئاراللىرىدا نېفىت قېدىرىشنى توختاتتى.
خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسى يېقىندا 'ئۈچ قۇم شەھىرى' تەسىس قىلدى
بۇيىل 11 - ئايدا ، خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتېيى 'جەنۇبىي دېڭىزنى ئېچىش ئۈچۈن ساياھەتنى يولغا قويۇش پىلانى' ماقۇللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خەينەن ئۆلكىسىدە ۋېيتنامنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئىككى مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان 'ئۈچ قۇم شەھىرى' تەسىس قىلدى.
ھازىر خىتايدىكى تور بەتلىرىدە 'غەربىي قۇم ئارىلى' ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر كۆپىيىپ قالدى. ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ سەھىپە ئاجرىتىپ سۆزلىنىۋاتقان مەسىلە تارىخ بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 يىلدىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تاقىم ئاراللارنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتايلار بۇ ئاراللاردا ئۆي- ئىمارەت بىنا قىلغانلىقى، قۇدۇق قازغانلىقى، دېڭىز ئاستىدىكى بايلىقلارنى بايقىغانلىقى، دېڭىز ئۈسۈملۈكلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈپ ھېكايە قىلىنىشقا باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا قارىغاندا، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا كىرىشىدىكەن. بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ئېچىش ھەرىكىتىنى باشلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتايلارنى بۇ ئاراللارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەيدىكەن. بۇ مەسىلىدە ، ھازىر بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كۆز قارىشى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر يەنە جەنۇب تەرەپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن قەدەم باستى. (ۋەلى)