خىتاينىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىلىرىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئەر - ئاياللار نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن زور پەرقلىنىۋاتقانلىقى، يەنى ئەرلەرنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ئاياللارغا قارىغاندا پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇۋاتقانلىقىدەك نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم شۇنداقلا بۇ خىتاي ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماي سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەر جەھەتلەردىن خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەھدىتى مەسىلە دەپ قارالماقتا. ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا خىتايدا توي يېشىدىكى تەخمىنەن 18مىليون ئەر بويتاق قالىدىكەن. ئۇنداقتا خىتايدىكى نوپۇسنىڭ جىنسىي پەرق تەڭپۇڭسىزلىقى قانداق كېلىپ چىققان؟ ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟ ئۇ خىتايغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات ئارقىلىق تونۇشۇپ چىقايلى.
خىتايدا ھازىر 18 مىليون ئەركەك بويتاق قېلىش خەۋپىدە
خىتاي دۇنيا بۇيىچە نوپۇسى ئەڭ زور دۆلەت. خىتاي نوپۇسنى كونترول قىلىشتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىغا 30 يىللار بولدى.خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 2005 - يىلىدىكى خىتاي نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ 2005 - يىلىغا قەدەر خىتايدا 400 مىليون كىشىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان ئىكەن. گەرچە خىتاي پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت ئالاھىدە نوپۇس كونترول قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق، نوپۇسنىڭ پەۋقۇلئاددە تېز كۆپىيىشىنى نىسبەتەن كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەگەشمە ھالدا يەنە تۈرلۈك نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي نوپۇس تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1980 - يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى ئىچىدە، ئەر - ئاياللارنىڭ نىسبەت پەرقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئەڭ گەۋدىلىك بىر مەسىلە بولۇپ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
بۇنىڭدىن باشقا، بىر يىل ئىلگىرى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دۇنيا نوپۇس كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدا نوپۇسىنىڭ يىلىغا 8 مىليوندىن 10 مىليونغا قەدەر ئېشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بارغانچە يۇقىرىلاۋاتقانلىقى، نوپۇستا ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ غوللۇق بىر نىسبەتنى ئىگىلەپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تۈگۈنىگە ئايلانغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ نوپۇس مەسىلىلىرى ئىچىدە ھەل قىلىش تەس بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان يېزا نوپۇسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنىدا، ھازىر خىتايدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ قىز بىلەن ئوغۇل نىسبىتى 122:100 ئىكەنلىكى، يەنى ھەر يۈز ئايالغا 122 ئەر توغرا كېلىدىغانلىقى، شەھەرلەردە ھەر 100 ئايالغا 120 ئەر توغرا كېلىدىغانلىقى،خىتايدا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا توي قىلىش يېشىدىكى ئەرلەر ئوخشاش ياشتىكى ئاياللاردىن 18 مىليون ئارتۇق بولۇپ، بۇ خىل نوپۇستىكى جىنسىي نىسبەت تەڭسىزلىكى پەقەتلا خىتايدا يەنىمۇ كۆپ ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنەلمەسلىكتەك مەسىلىلا ئەمەس، بەلكى نوپۇستىكى بۇ خىل زور جىنسىي نىسبەت پەرقىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە،ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەھدىتى بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،ئەگەردە خىتاينىڭ نوپۇستىكى ئەر - ئايال جىنسىي پەرقى يەنىمۇ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ خىل نىسبەتتە تەرەققىي قىلسا 2020 -يىلىغا بارغاندا، 20 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئاياللاردىن 30 مىليون ئارتۇق بولىدىكەن.
خىتايدىن باشقا مىللەتلەردە جىنسىي پەرق نىسبەت تەڭپۇڭسىزلىقى مەۋجۇت ئەمەس
ئادەتتە نوپۇستىكى جىنسى ئايرىمىسى نىسبىتى 103تە 107 ئەتراپىدا پەرقلەنسە نورمال ھېسابلىنىدىكەن، ئەمما خىتايدا بولسا 122گە يەتكەن. خىتاي نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، ئەنخۈي، خېنەن قاتارلىق خىتاي مىللىتى نوپۇسنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بەش ئۆلكىدە بولسا قىز - ئوغۇللار نىسبەت پەرقى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ھەر يۈز ئايالغا 130 ئەر توغرا كېلىدىكەن.
تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بولسا جىنسى نىسبەت پەرقىدە ئۇنچە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولۇپ، قالغان جايلاردا پەرق 100دە 120 ئەتراپىدا مەۋجۇت ئىكەن.
"بۇ 30 مىليون ئەرنىڭ خوتۇنسىز قېلىش مەسىلىسىلا ئەمەس...."
نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ بەيخې، ئىلگىرى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس جىنسىي پەرق تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ تەدبىر قوللىنىشنى تەكىتلەپ" مەزكۇر مەسىلە يەنە 10 يىلدىن كېيىن خىتايدا 30 مىليون ئەرنىڭ خوتۇنسىز قېلىش مەسىلىسىلا ئەمەس، قىزلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تەھدىتىگە داۋاملىق ئۇچرىماقتا. ھەتتا تۇغۇلماي تۇرۇپلا بۇ دۇنيادىن غايىپ بولماقتا. بۇ دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئاياللار تەشكىل قىلىشى كېرەك. بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندا پۈتۈن جەمئىيەت ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ" دېگەن.
ئۇ يەنە، مەزكۇر مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ پەقەتلا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ئىبارەت بىرلا تەرەپكە باغلىغىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ" ئەگەردە پىلانلىق تۇغۇتنى ئاساسلىق سەۋەب دېيىشكە توغرا كەلسە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ مۇشۇنداق جىنسىي نىسبەت پەرقى زور بولۇش مەسىلىسىگە ئۇچرىدى. بۇ مەسىلە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلماستىلا مەۋجۇت مەسىلە، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا پەيدا بولغان مەسىلە، بۇنى خىتايدا ئوغۇلنى قەدىرلەش، قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، يەنى 1982 - يىلىدىكى ستاتىستىكىدىن مەلۇمكى،خىتايدا ھەر 100 قىز بوۋاق تۇغۇلغان ئوخشاش پەيتتە 108 ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلغان. ئەلۋەتتە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان بۇ مەسىلە بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەر بىر بالا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە ئاۋال ئوغۇل پەرزەنتنى تاللىدى چۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ 60% تىن كۆپرەكى يەنىلا دېھقان، ئۇلار قاۋۇل ئەمگەك كۈچىگە مۇھتاج، ئاياللارنىڭ ئورنى ھەم رولى جەمئىيەتتە تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغان شارائىتتا، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنتكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق دەپ قارايدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئەنئەنىۋىي قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەم خىتاي مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك" دېگەن.
خىتاينىڭ، نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن
جاۋ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ ئۇنداقتا دۆلەت بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنى قانداق تەڭشىشى كېرەك ؟ دېگەن سوئالىغا " نېمىنى تەڭشەيدۇ، ھەتتا سىياسەتتە ئۇلارغا ئىككى بالا ياكى ئۈچ بالا ئېلىشقا رۇخسەت بېرىلسىمۇ، يەنىلا ئوغۇل بالىنى تاللايدۇ بۇ رېئاللىق...بىر ئىجتىمائىي مەسىلە شۇنداقلا ھەل قىلىش ئىنتايىن يىراق ھەم قىيىن بولغان ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان مەسىلە " دەپ جاۋاب بەرگەن.
بەزى خىتاي جەمئىيەتشۇناسلىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، نوپۇستىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تەسىرلىرى بارغانچە گەۋدىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا خىتايدا ھەمجىنىسلارنىڭ پەۋقۇلئاددە تېز كۆپىيىشى، ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قىز - ئاياللار سودىسىنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى، كىشىلەردە ئائىلە قارىشىنىڭ،جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىر قەدەر بايقىۋالغىلى بولىدىغان تەسىرلەر ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسنىڭ جىنسىي پەرق نىسبىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە قاراۋاتقان بولۇپ، 2006 - يىلى1 - ئىيۇل دۇنيا نوپۇس كۈنىدە " قىزلارغا مېھىر يەتكۈزۈش "ھەرىكىتى نامىدا سىياسەتلەر بەلگىلەپ،دوختۇرخانىلاردا بالىلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن جىنسىي پەرقىنى ئاشكارىلىماسلىق، قىز بالا تۇغقانلارنى مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرۈشكە ئوخشاش قانۇن ھەم سىياسەتلەر ئارقىلىق قىز بالىلارنىڭ ساق - سالامەت دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا پارا بېرىشكە ئوخشاش ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۇغۇلمىغان پەرزەنتىنىڭ قىزلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ياكى تاشلىۋېتىشتەك قىلمىشلار يەنىلا ئېغىر ئىكەن. شۇڭا بەزىلەر بۇنى مىللەتنىڭ ئاڭ ساپا مەسىلىسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھەل قىلىش ئىنتايىن تەس ھەمدە رىقابەت ھەم ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش خىتاينىڭ نوپۇس تەڭشەش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟
بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا ئېغىر ھالدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان جىنسىي نىسبەت تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ ھەم ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بۇنى ھەل قىلىشتا قانداق كونكرېتنى تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان، ئەمما يەنە يىگىرمە يىلدا ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك نەتىجە يارىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئەمگەك ئويۇشمىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىغا قارىغاندا، ھەر يىلى خىتاينىڭ ئىچكى بازىرىدا 20000 غا قەدەر ئادەم سېتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ %90 ى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلغان جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە مەقسىتىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىدۇر. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمى ئەر - ئاياللار نىسبىتىدىكى پەرقنى چوڭايتىپ، "خوتۇن"سودىسىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ يېزا - ناھىيىلىرىدە ئېچىلغان زاۋۇت - كارخانىلارغا تۈركۈملەپ ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتىنى ئەنە شۇ نوپۇس تەڭشەش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ،ئەمما ئامېرىكا پارلامېنتىدا 31 - ئۆكتەبىر ئېچىلغان خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مارك لېيگون،، "ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى باشقا ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم " دېگەن.
ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە، رابىيە قادىر خانىم "بىز بۇ ئۇيغۇر قىزلارنى ئۇيغۇر ئەركەكلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شەرقىي ئۆلكىلەردە خىتاي ئەركەكلەرگە خوتۇن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر قىزلار بىلەن تولدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. (گۈلچېھرە)