خىتاينىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچىلار'غا چىقىرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرى 2009 ‏- يىلى 12 - ئايدا كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ ئەندىشىنىڭ بىكار ئەمەسلىكى ئاخىرى پەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.24
Kambodia-otkuzup-bergen-20-Uyghur-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ 'ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﭼﯩﻼﺭ' ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ki-media.blogspot.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى تېررورچىغا چىقاردى. لېكىن خىتاينىڭ بايانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 12 ‏- ئايدا كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىچىدىن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېررورچىلار گۇرۇھىغا ئەزا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ج خ مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا 20 كىشىلىك مۇساپىرلار گۇرۇپپىسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ "تېررورچىلار" گۇرۇھىغا ئەزا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ج خ مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ " تېررورچىلار" گۇرۇھى پاش قىلىنىپ، گۇرۇھنىڭ 10 ئادىمى قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ مۇساپىرلار گۇرۇپپىسىدىكى قانچە كىشىنى "تېررورچىلار" گۇرۇھىغا باغلىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇيغۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كامبودژاغا قاچقان مۇساپىرلارنى "تېررورچىلار" گۇرۇھىغا چاتقانلىقىغا گۇمانى پوزىتسىيە تۇتماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ مەقسىتى سىياسى غەرەزلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايانى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ كۆرسەتتى.

كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا بىر نەپەر ئايال ۋە ئىككى نارسىدە بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 كىشىلىك ئۇيغۇر مۇساپىرلار گۇرۇپپىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، كامبودژا ھۆكۈمىتى ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن تەنقىدلەنگەن. بۇ ۋەقە يەنە ئامېرىكا - كامبودژا مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژاغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى بىكار قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار قانۇن لايىھىسى ھازىرلاپ، كامبودژانىڭ ئامېرىكىغا بەزى ماللارنى باجسىز ئېكسپورت قىلىش ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا كامبودژاغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان 250 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلنى بېرىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كامبودژاغا ھەربىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. خىتاي ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنى "تېررورچى"دەپ ئېلان قىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا چىققان خەۋەرلەردە خىتاينىڭ كامبودژاغا 257 دانە ھەربىي ئاپتوموبىل تاپشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى خارىي ۋۇ ئەپەندى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇۋېتىش خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن خەلقئارا ئەھدىنامىلار خىتاي ئۈچۈن ھېچنىېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا ئىمزا قويدى، دېگەنلىك نېمە گەپ. خەلقئارا ئەھدىنامىلار جۇڭگو ئۈچۈن ھېچنىېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ئۇلار ھەر قانداق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇۋېرىدۇ، لېكىن ھەرىكىتىدە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويدى. لېكىن ئۇلار ھېچقاچان ئۇلارغا ئەمەل قىلىپ باقمىدى. مەن بۇنىڭغا ھەيران قالمايمەن" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ياكى قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. خىتاينىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادىل سوتلىنىشىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭ بۇ مەزگىلگە توغرىلاپ ئېلان قىلىنىشى "تاسادىپىيلىق ئەمەس" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئابدۇرېشىت ئابلەت ۋە ئىمىن سەمەرلەرنىڭ گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ كىشىلەر دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئابدۇرېشىت ئابلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئىمىن سەمەر بولسا بۇ گۇرۇپپىنىڭ غوللۇق ئادەملىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ گۇرۇھنىڭ 2009‏ - يىلى 8 ‏ - ئايدا قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش، كۇچادا يۈز بەرگەن خىتاي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ گۇرۇھنىڭ يەنە تەشكىلات ئەزالىرىنى چەتئەلگە قېچىشقا ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىدىكى خارىي ۋۇ ئەپەندى بولسا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ كىشىلەرنى "تېررورچىلار"غا باغلىغانلىقىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشى، ئۇلارنى سوتلاپ، تېررورچى دېگەن قالپاقلار بىلەن جازالىشىدىن ھەيران قالمايمەن. مېنىڭچە بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بۇنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايدۇ ھەم ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى بىر ۋەزىپە ھېسابلايدۇ."

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ يىل 1‏ - ئايدا ئېلان قىلغان كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە مۇساپىرلار توپىدىكى 7 - 8 كىشىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئارىلاشقانلىقىنى ۋە ۋەقە جەريانىدا ئاتالمىش"جىنايەت" سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆلگەن ھەم ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.