خىتاي كامبودژادا يەر ئىگىلەپ يەرلىك خەلقنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى


2006-12-12
Share

'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى كامبودژاگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. ئەمما خىتاينىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كامبودژاگە مەبلەغ سېلىش بىرخىل خەتەرلىك تىجارەت ئىدى. چۈنكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 ‏- يىللىرىدا، ماۋزېدوڭ قوللىغان كامبودژادىكى قىزىل كېخمىر گۇرۇھى 'كامبودىيىنى ئۆزگەرتىش' ئۈچۈن 1 مىليون 700 مىڭ پۇقرانى قىرىپ تاشلىغان ئىدى. 80 ‏- 90 ‏- يىللاردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىل كېخمىرلارنى سىجىل قوللاپ، ئۇلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. خىتاينىڭ كامبودژاگە سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىكىنى كامبودژا خەلقى ئاللىقاچان ھېس قىلغان. ئەمما كامبودژادىكى خۇن سېن گۇرۇھىنىڭ سىياسىتى غەربكە تايانماسلىق، خىتاي مەبلەغلىرىنى جەلىپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغانلىقتىن، ئۇزۇن يىل ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىنىڭ دەردىنى تارتقان كامبودژا خەلقى ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇردى.

خىتاي شىركەتلىرى كامبودژادا 200 مىڭ گېكتار يەر ئىگىلىدى

خىتاينىڭ كامبودژاگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ‏- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى كۆز -كۆز قىلىدىغان بىر ئېكران، ‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىدە، ‏- خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قوللاپ كېلىۋاتقان كامبودژادىكى خۇن سېن گۇرۇھى خىتاينىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، 2004 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا، خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكسىىدىكى 'ۋۇجژسەن گۇرۇھى' دېگەن شىركەتكە 200 مىڭ گېكتار يەرنى 99 يىلغىچە پايدىلىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. خۇن سېن ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆسۈملۈك مەيدانى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن، موندول كېرى ئۆلكىسىدىن 10 مىڭ گېكتار يەر بۇيرۇپ بەردى. بۇ يەرنىڭ بىر قىسمى يەرلىك خەلقنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى زىمىن، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، پىنوڭ مىللىتىنىڭ زىمىنى ئىدى. پىنوڭلار كامبودژادا ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان زېمىنگە بولغان ئىگىدارچىلىق قىلىش كۆز قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك مىللەت دەپ ھېسابلىناتتى.

كوممۇنىست خىتاي بىلەن كامبودژا خەلقنىڭ قىممەت قارىشى ئوخشىمىغانلىقتىن توقۇنۇش پەيدا بولدى

خىتاينىڭ ۋۇجژسەن شىركىتى كامبودژا ھۆكۈمىتى يەر ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغاندىن كېيىنلا، ‏‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىدە، ‏- يەرلەرنىڭ چېگرىسى ئېنىق بەلگىلىنىپ بولغىچە جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، يەرلەرنى توساققا ئېلىپ، ھەدەپ ھاشارات ئۆلتۈرىدىغان خىمىيىۋى دورىلارنى چېچىشقا باشلىدى. كامبودژا خەلقى ئېقىنلارنىڭ بۇلغىنىپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغان خەلق. بۇنى ئاز دەپ، كامبودژالىقلارنىڭ بەزى قەبرىستانلىقىمۇ خىتاي يەر ئىگىلىگەن يەرلەرنىڭ ئىچىدە قېلىپ بۇزۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ۋاھالەنكى، خىتايدا يەر-زىمىن پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا. ئەمما كامبودژادا خەلقتە زىمىن ھوقۇقى بار. خىتاي كامبودژادا يەر ئىگەللەشكە باشلىغاندىن كېيىن، كامبودژا خەلقىنىڭ زىمىن ھوقۇقى دەخل - تەرىزگە ئۇچرىدى. كوممۇنىست خىتاي بىلەن كامبودژا خەلقنىڭ قىممەت قارىشى ئوخشىمىغانلىقتىن توقۇنۇش پەيدا بولدى.

كامبودژا خەلقى خىتاينىڭ يەر ئىگىلىشىگە قارشى نامايىش قىلدى

2005 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى كامبودژانىڭ موندول كېرى ئۆلكىسىدە 70 نەپەر كامبودژا پۇقراسى خىتاينىڭ يەر ئىگىلىشىگە قارشى نامايىش قىلدى، ‏‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىدە، ‏- 6 ‏- ئايدا يەنە 650 نەپەر كامبودژا پۇقراسى خىتاي شىركىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالدىدا نامايىش قىلدى. ئۇلار نامايىش ئارقىلىق ئەسرلەر بويى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قەبرىستانلىقلارنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىغا، ئورمانلىقلارنى، يايلاقلارنىڭ ئىگلىۋېلىنغانلىقىغا قارشىلىق ئىپادىلىدى. ئەمما كامبودژا ھۆكۈمىتى ھەر قېتىمقى نامايىشتا خىتايغا يان باستى. شۇنىڭدىن كېيىن، كامبودژادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەرىكەتكە ئارىلاشتى. بۇ يىل 10 ‏- ئايغا كەلگەندىمۇ، كامبودژا ئاھالىلىرى تېخىچە خىتاينىڭ يەر ئىگىلەش ھەرىكىتىنى توختاتقانلىقىنى كۆرمىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، خىتاي شىركەتلىرى كامبودژانىڭ پۇرسات، كامپوڭچاڭ ئۆللىكلىرىدە ئىگىلەپ بولغان يەرنىڭ مىقتارى 315 مىڭ گېكتارغا يەتكەن ئىدى. خىتاي شىركەتلىرى يەر ھەققى ئۈچۈن ئادەتتىكى بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا پۇل تۆلىگەچكە، كامبودژا ئەمەلدارلىرى ئاللىقاچان يەرلەرنى خەلقتىن ئېلىپ خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىشقا ئۆگۈنۈپ قالغان ئىدى.

خىتاي كامبودژادا يەر ئىگىلىگەنلىكى جايدا، خىتايغا بولغان مىللىي ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالماقتا

'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا، بۇرۇنقىدەك ئۇرۇشنى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق كامبودژانى كونترول قىلىش سىياسىتىنى قوللانماي، بەلكى كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىپ كونترول قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن، كامبودژادىكى قىزىل كېخمىرلارنى قوللاپ، مىليونلىغان كامبودژا ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى كامبودژا خەلقىنىڭ كۆڭلىدە ئۆچمەس داغ قالدۇرغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقان كامبودژاغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش، يەر -زىمىن ئىگىلەش سىياسىتى كامبودژا خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتايغا ۋە كامبودژادىكى خىتايپەرەس ئەمەلدارلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە پۇرسەت ياراتتى. ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى كامبودژادا يەر ئىگىلىگەنلىكى جايدا، كامبودژادىكى يەرلىك خەلقلەردە خىتايغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان كۈچلۈك مىللى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت