خىتاي - كانادا سودا ھەمكارلىقى ۋە ساياھەت كېلىشىمى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ


2006.10.24

كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرى دەيۋىد ئېمىرسېن كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ خىتاي - كانادا ساياھەت كېلىشىمى ئىمزالاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

كانادا ھۆكۈمىتى يۈەنخۇا ئەتكەچىلىك دىلوسىنىڭ باش گۇماندارى لەي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكتىن، خىتاي كانادا بىلەن ساياھەت كېلىشىمى ئىمزالاشنى كېچىكتۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. لەي چاڭشىڭ بىلەن خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇتمۇ؟ مىنىستىر دەيۋىد ئېمىرسېن، كانادا -خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار كىشىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيە ۋە پاتېنىت ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن مەلۇمات بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.