
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ۋە كانادا ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي دىپلوماتىك يول بىلەن خىتاينىڭ دائىرلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى
Peter MacKay، ئالدىنقى كۈنى، كانادا بىلەن خىتاينىڭ قويۇق سودا مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بەرى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ھالدا ئاياق ئاستى قىلىدىغان قىلمىشلار ۋە دىپلوماتىك ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كونسۇل ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ. مەن كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغىنىمدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. بىز سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە كىشىلىك ھوقۇققا، كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە پۇقرايىمىزنى قوغدايمىز"، دېدى.
Peter MacKay نىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ۋەقەسىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، دەپ قارايدىكەن ۋە بۇ مەسىلىنىڭ سۆھبەت يولى بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، ئوتتاۋا پۇقرالىرى "گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا جۈمە كۈنى كانادا ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلغان. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسكارىلىشىچە بۇ دوكلات Peter MacKayنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ ھارپىسىدا تەيارلانغان.
Peter MacKayنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپمۇ، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. كانادا جامائىتى Peter MacKay نىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىت قىلماقتا.
ئەمما، خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسى لۇ شۇمەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كونسۇل ئەھدىنامىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كانادا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى يوقلاش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى خىتاينىڭ ئىشكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ ئاتىدى.
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قىيىن-قىستاق قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك
كانادانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا 90-يىللاردا باش ئەلچى مەسلىھەتچىسى بولۇپ تۇرغان، كانادادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى چارلەس بۇرتوننىڭ قارىشىچە، Stephen Harper ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويمايدىكەن ۋە بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىكەن.
چارلەس بۇرتوننىڭ تەكىتلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇزۇن مۇددەت خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان سالىدىكەن. ئۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز بۇ ئاينىڭ ئاخىرى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئالدىنقى كۈنى ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ، كانادانىڭ بۇ مەسىلىگە جىددى قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. مېنىڭچە ئەڭ ياخشى يول خىتايغا بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنى نىمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ئۇچرىمىغانلىقىنى ئەنىقلاشتۇر. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ قېتىمقى سوتتا ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى كۆرۈنگەنلىكىنى ئېيتسىمۇ، ئامما ئۇنىڭ سولاقتىكى مەزگىلى ۋە سوراق جەريانىدا ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى، دەيدۇ.
Peter MacKay نىڭ زىيارىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىنمۇ؟
بۇ ھەقتە كانادا كتۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ستەۋە چاۋ مۇنداق دەيدۇ: "مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ خىل ئېھتىماللىق ئىنتايىن كىچىك. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى بۇ دېلوغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. قىزىق يېرى شۇكى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكاتى ۋە كانادا دىپلوماتلىرى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندا سوت زالىغا كىرگۈزۈلمىدى. كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ سوت زالىغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئەمىلىيەتتە خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى كانادا پۇقراسى ئەمەس، خىتاي پۇقراسى، دەپ قاراپ، كانادانى چەتكە قاققانلىقى ۋە كاناداغا بەرگەن بىشارىتىدۇر. ئامما Peter MacKay نىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشى ۋە ئۇنىڭ كۈنتەرتىپى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ. "
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسى كانادانىڭ بارلىق دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئوغلىنى ئازات قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئۇنداق بولمىسا ئۇنىڭ تۈرمىدە يەنە قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، بولۇپمۇ سىياسى جىنايەتچىلەر خاتىرىسى ياخشى ئەمەس، دەيدۇ.
كانادا كتۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بۇ مۇخبىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى تۇتقان ئادۋوكاتنى سوتقا قاتناشتۇرمىغان. خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 6 ئۇرۇق تۇققىنىنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا يول قويغان، ئامما كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ سوت جەريانىنى كۆزىتىشىگە يول قويمىغان. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسى سوتنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل - ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ھۈسەيىن جېلىل سوتتا مەن گۇناھسىز، دەپ توۋلىغان
Globle and Mail گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا ھۈسەيىن جېلىل بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان، بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھىچ بىرىنى مەن قىلغىنىم يوق. مەن گۇناھسىز، دەپ ۋارقىرىغان.
خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلگەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكاتى غەيرەت ۋايىتنىڭمۇ سوتتا سۆز قىلىشى چەكلەنگەن. بۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرى غەيرەت ۋايىتقا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە سۇئال سورىغاندا، ئۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشتىن باش تارتقان. ئاتالمىش سوت 15 مىنۇتلا داۋام قىلغان، ئەمىلىيەتتە بۇ سوت يىغىنى بولماستىن بەلكى، ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىدىنلا ئىبارەت بولغان.
كانادا رەگەنا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جۇ يۈچاۋنىڭ قارىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل ۋە لاي چاڭشىڭ مەسىلىلىرى ھەل قىلىنمىسا، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قاتمال ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولمايدىكەن. (كامىل تۇرسۇن)