خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىكى
2007.10.05
خىتاي دائىرلىرىنىڭ كانادانى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش لىنىيىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغانلىقى كانادالىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. ئەمما 1980- يىلىدىكى موسكۋا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان كانادا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش يولىنى ئەمەس،بۇ مۇسابىقىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىت قىلماقتا.
كانادا مەتبۇئاتلىرى بولسا،تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ۋە دۇنيادىكى دىكتاتور دۆلەتلەرنى قوللاۋاتقان، كومۇنىست پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش- ئولىمپىكنىڭ روھىغا ئۇيغۇنمۇ يوق، دېگەن تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا.
ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتە كانادا چەتكە قېقىلغان
گىرىتسىيەدىن باشلانغان سىمۋوللۇق تۈستىكى، ئولىمپىك مەشئىلى 2008 يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭغا يەتكۈزىلىدۇ. ئەمما ياۋروپا، شىمالى ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى بۇ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش لېنىيىسىگە كىرگۈزگەن خىتاي دائىرلىرى، 1976 -يىلىدىكى مونترېئال ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىپخانلىق قىلغان ۋە 2010- يىلى ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان كانادانى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش لىنىيىسى دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر بۇنى كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكلىكنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئەسكەرتىلىشى، دەپ قارىماقتا. بۇ سەۋەبتىن كانادادىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسلىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
ئەمما كانادا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا كانادا تەنھەركەتچىلىرىنى خىتايغا ئېۋەتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بېرنارد ڭۇيېن كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كانادا ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ:"بىز ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئولىمپىك ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ئولىمپىك يېقىنلىشىشى بىلەن، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلەشمەكتە. خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئەمىلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە جىددى قەدەم بېسىشى -خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، كانادانىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن،" دېدى.
خىتايدا يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنماقتا
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىك ھارپىسىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يول قويۇش ھەققىدە خىتايغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلماقتا.
كەچۈرۈم تەشكىلات كانادا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالېخ نېۋە ئولىمپىك ھارپىسىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ:"خىتاي دائىرلىرى ۋە خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنىڭ بېيجىڭغا بېرىلىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن خوش خەۋەر بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى يېڭى قىياپىتىنى دۇنياغا نامايەن قىلىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىگىنى ۋە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى تالاي قېتىم تەكرارلىغان ئىدى. ئامما نۆۋەتتە خىتايدىكى ۋەزىيەت بۇنىڭ تەتۈرىچە بولماقتا. بۇ بىزنى ئىنتايىن ئۈمىتسىزلەندۈرمەكتە،" دەيدۇ.
ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى كانادا ئۈچۈن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە
ئالېخ نېۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئامېرىكا ۋە غەرپ دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: "بىز كانادا پۇخراسى ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىغا ۋە خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز... ھۈسەيىن جېلىل دېلوسى خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشتىكى ئەڭ كونكرىت مىساللارنىڭ بىرى. ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى. بۇ يەنە كانادانىڭ ئوبرازىغا بېرىپ تاقىلىدۇ" دەيدۇ.
كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە، لىبېرال پارتىيىسى تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بريون ۋىلفەرت كانادا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلسا، كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە شۇنداقلا خىتايدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كانادا پۇخراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: "سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈنلا غەرپ دۆلەتلىرى 1980 - يىلىدىكى موسكۋا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىيەتتە بۇ توغرا قارار ئىدى. بۇنى ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىنىڭ ماھىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،" دەيدۇ.
ئۇ يەنە كانادانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھۈسەيىن جېلىلنى "چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش" ئارقىلىق، كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىبى بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار دىكتاتور تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرى
كانادادا چىقىدىغان "دۆلەتلىك پوچتا" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۈچۈن مەشئەل يەتكۈزۈش"ناملىق ماقالىدا بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن، كانادا 80- يىلىدىكى موسكۋا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن كانادا 2008 -يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلمايدۇ. تىبەت 50 يىلدىن بېرى، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدە تۇرماقتا. خىتايلار بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ قىلىش نىيىتىدە بۇ رايونغا پىلانلىق كۆچمەن كۆچۈرمەكتە. ئۇيغۇر ۋە فالۇنگۇڭچىلار خىتايدىكى دىكتاتور تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا، دېيىلىدۇ.
كانادانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، سابىق دىپلومات چارلەز بۇرتون، كانادا ئۈچۈن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشتىن، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا قىستاشنىڭ ئاقىلانىلىق ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى خىتاي ئولىمپىكنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتەمدۇ، بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشقا يەنىلا بالدۇر. (كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈلگىسى گېتلېر گېرمانىيىسى بولامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىمۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كانادادا نامايىش
- تەيۋەن دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- "رابىيە قادىر سىياسىي زۇلمەت ئىچىدە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۈمىد نۇرى"
- خىتاي تالىبانلارنى ھەربى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىمەكتە
- ھۈسەيىن جېلىل 18 ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاي كۆچمەنلىرى كانادادا سىياسىي پارتىيە قۇردى
- " قەدىمكى گرېكلار 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆز قەبرىسىنى قازىدىغان بولدى"
- كانادا خىتايدىن كېلىدىغان ماللارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكچى
- 32 دۆلەتتىكى 100 شەھەردە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر
- ھەربىي مانېۋىر ۋە ئولىمپىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى
- بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە (2)