خىتاي كانادانىڭ نېفىتىغا كۆز تىكمەكتە

كانادا 178 مىليارد بارېل خام نېفىت زاپىسى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسا دۇنيادىكى 2‏ - چوڭ نېفىت زاپىسى مول دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان خىتاي ، كانادانىڭ نىفىتىغا كۆز تىكمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009.09.07
Kanada-Xitay-nefit-soda-kelishimi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻱ - ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻧﯧﻔﯩﺖ - ﮔﺎﺯ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﻛﯜﺭﺳﻰ" ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.capc.cn ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يېقىندا ئېنگىلىزچە ئىسمى "پېترول چاينا" دەپ ئاتىلىدىغان خىتاينىڭ نېفىت شىركىتى كانادانىڭ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئۆلكىسى ھېسابلىنىدىغان ئالبېرتا ئۆلكىسىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 1.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان.

كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم كانادا تەرەپ نېفىتچىلىك ساھەسىگە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. كانادا ‏ - خىتاي ئوتتۇرسىدىكى بۇ نېفىت سودىسىنىڭ ئىسمى ئاتھاباسكا سودا كېلىشىمى دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بۇ سودىدا تەخمىنەن 3 مىليارد بارېل ئالبېرتا خام نېفىتى خىتايغا توشۇلىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كانادا نېفىت شىركەتلىرى نېفىت ۋە تەبىئى گاز ساھەسىگە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كانادا نېفىت شىركەتلىرى زىيان تارتقان ئىدى. پېترول چىنانىڭ كانادا نېفىت ساھەسىگە بىردىنلا بۇنداق كۆپ مەبلەغ سېلىشى كانادا نېفىت ساھەسىگە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان كانادا كالگارى نېفىتچىلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى مايىك تىمس مۇخبىرلارغا " بۇ سودا كانادا نېفىت سودىسىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ " دېگەن. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاتھاباسكا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ نېفىت كېلىشىمىدە كۈنىگە 400 مىڭدىن 500 مىڭ بارېلغىچە خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانماقتا ئىكەن، ئەمما خىتاي تەرەپ ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ خام نېفىتلەرنى خىتايغا يۆتكەش جەھەتتە كانادا تەرەپكە قاتتىق سۈپەت تەلىپى قويغان بولۇپ، بۇ نېفىتنى خىتايغا قانداق يۆتكەش مەسىلىسى كانادا تەرەپنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تەرەپ يەنە كانادانىڭ ۋەرەنېخ ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ئادداخ نېفىتچىلىك شىركىتىنىمۇ سېتىۋالغان.

كانادا بىلەن خىتاينىڭ سودا ئىشلىرى ستېۋېن ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىشى، خىتاينى ئەدىلىيە سېستىمىسدىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى تۈگىتىشكە دەۋەت قىلىشى،خىتاينىڭ كانادادىكى ئۇچۇر ئالاقە ئوغرىلىقى شۇنداقلا سانائەت ساھەسىدىكى جاسۇسلۇقىغا كۆز يۇمماسلىقى، دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرى پۇقراسى سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشى شۇنىڭدەك خىتاي تۈرمىسىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى قاتارلىقلار كانادا ‏ - خىتاي سودا ئىشلىرىغا كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

بۇ يىل ئىيۇندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ كاناداغا قىلغان زىيارىتى خىتاي‏ - كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سوغوقچىلىقلارنى يۇمشىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما كانادادىكى نۇرغۇنلىغان نېفىت سودىگەرلىرى خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىكەن . ئۇلار بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئۆزلىرىنىڭ سودا ‏ - تىجارەتتە سېلىنىدىغان مەبلەغقە ئەمەس، بەلكى شىركەتنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا يەنە، نۇرغۇنلىغان كانادا تەرەپ نېفىت سودىگەرلىرى خىتاي نېفىت شىركەتلىرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن كونترول قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي سودىسىغا ئانچە قىزىقمايدىكەن.

كانادا ‏ - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى كانادادىكى كەچۈرۈم تەشكىلاتى باشلىق ، ئۇيغۇر ، تىبەت، فالۇڭگوڭ ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇلار كانادا ھۆكۈمىتىنى ھەر ۋاقىت سودىنى دەپ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئاياق ئاستى قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

كانادا نېفىت ساھەسىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ‏ - كانادا نېفىت سودىسىغا ئىجابىي پوزىتسىيىدە بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن ھارپېر كانادادىكى ئالبېرتا قاتارلىق نېفىت ئۆلكىلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا دوستانە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىغىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.

كانادانىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى 1974 - يىلىدىن ئىتىبارەن باشلانغان بولۇپ ھازىر كانادا كۈنىگە 2 مىليۇن 274 مىڭ بارېل خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كانادا يەنە نېفىت ئېكسپورت قىلىشتا دۇنيا بويىچە 6 ‏ - ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت .

خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى ئاتھاباسكا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سودا كىلىشىم پىلانى 2014 ‏- يىلىدىن بۇرۇن باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما خىتاي شىركەتلىرى يەنىلا خىتاي ھۇكۇمىتىنىڭ كونترول قىلىشىدىن قۇتۇلالمىغان بولغاچقا، كانادادىكى نېفىت سودىگەرلىرى كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى سودىغا يەنىلا گۇمان بىلەن قارىماقتا ئىكەن

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.