كانادا سودا مىنىستىرى: "كىشىلىك ھوقۇقنى تەنقىت قىلىش بىلەن ئىككى تەرەپ سودىسى ئۆز ‏- ئارا توقۇنۇشمايدۇ"

0:00 / 0:00
kanadasodaminitr-200.jpg
كانادا خەلىقئارا سودا مىنىستىرى داۋىد ئەمەرسون. Source: http://cnews.canoe.ca by The Canadian Press

كانادا سودا مىنىستىرى داۋىد ئەمەرسون سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىگە قارىتا كانادانىڭ داۋاملىق ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسى ئۈچۈن توسالغۇ پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي، خوڭكوڭ ۋە موڭغۇلىيەلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان داۋىد ئەمەرسون كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سىياسى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شارائىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئومۇمەن ساغلام راۋاجلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغان كانادانىڭ مەيدانىنى تەكىتلىدى. كانادا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بىر قەدەر قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا باشلىغانىدى.

داۋىد ئەمەرسون:" كىشىلەر ئالتۇن مېدالدىن بەكرەك تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا دىققەت قىلىدۇ"

2007- يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى كانادانىڭ تەلەپلىرىگە پەرۋا قىلماستىن، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن بولسا، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى داھىيسى دالاي لامانى كۈتۈۋېلىپ،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقانىدى.

داۋىد ئەمەرسون بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ خىتاي،خوڭكوڭ ۋە موڭغۇلىيىلەر بىلەن ئۆز - ئارا مەبلەغ سېلىش ۋە سودا شېرىكچىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىمقى سەپىرىدىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ:"سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بۇ ئۈچ ئورۇندىكى زىيارىتىمنىڭ ئاساسى تېمىسىدۇر. نۆۋەتتە خىتاينىڭ كاناداغا سالغان مەبلىغى بارغانسېرى ئاشقىنىغا ئوخشاش، كانادانىڭمۇ خىتايغا سالغان سېلىنمىسى كۆپەيمەكتە. بىزنىڭ مەيدانىمىز ھەممىگە ئايان. بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق،دېموكراتىيە،ئەركىنلىك،قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىمىز ئېنىق ۋە سەمىمىي،" دېدى.

داۋىد ئەمەرسون ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى ئالتۇن مېدالدىن بەكرەك تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ۋە ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلۇشى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

داۋىد ئەمەرسوننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىلگىرىكىگە قارىغاندا،كۆپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇ دېموكراتىك تۈزۈلمە ھەققىدىكى ئىجابىي پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىكەن. كانادا غەرب دۆلەتلىرىگە جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئوخشاش خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارىتا ئاشكارا تەنقىت قىلىش بىلەن ئىختىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يولىنى تۇتۇپ كەلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنتەرتىپلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داۋىد ئەمەرسون خىتاينىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان داۋىد ئەمەرسوننىڭ باياناتچىسى فرانكوئىس جۇبىنۋىللېمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللىدى.

ئەمما ئۇ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىمىدى. داۋىد ئەمەرسوننىڭ بۇ قېتىم زىيارىتىدە خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى 1- تۇرمىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى قويمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان كانادانىڭ ھەر بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى.

ساياھەتچىلىك كېلىشىمى سۆھبىتى بۇ زىيارەتنىڭ يەنە بىر مەقسىتىدۇر

داۋىد ئەمەرسون كانادا، خىتاي بىلەن ساياھەتچىلىك كېلىشىمى ئىمزالاشتا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارقىدا قالدى،دېگەن ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بەرگەندە، ئۇ ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ تۈزۈم جەھەتتە بەزى پەرقلىرى بارلىقىنى، كانادا 1983-يىلى ماقۇللىغان كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بۇيىچە، كانادا تۇپرىقىغا ئاياق باسقان ھەر قانداق ئادەمنىڭ كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بىلەن قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "كانادا ئامېرىكا ئەمەس، بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىمىز، كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا ئوخشاش كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 3 يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، ئەمما ئۈنۈمى بولمىغان سۆھبەتتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىسا، كانادانىڭ خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشتىن باشقا تاللاش يولى قالمايدۇ،" دېدى.

خىتاي ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا قاتارلىق 134 دۆلەت بىلەن ساياھەتچىلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەتچىلىك كېلىشىمى سۆھبىتى يەنىلا قاتمال ھالەتتە تۇرماقتا.

داۋىد ئەمەرسون يەنە بېيجىڭدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كانادا ‏- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى مەسىللىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.

كانادا موڭغۇلىيىگە قىزىقىدۇ

داۋىد ئەمەرسون موڭغۇلىيىدە موڭغۇلىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. كانادا موڭغۇلىيىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. كانادا شىركەتلىرى موڭغۇلىيىنىڭ مىس كانلىرىنى ئېچىشقا قىزىقماقتا.

داۋىد ئەمەرسوننىڭ ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولسا خوڭكوڭ. ئۇ بۇ يەردە سودا ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)