كانادا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىگە قارىتا بېسىمنى كۈچەيتمەكچى


2008-01-30
Share

كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىدىن خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋىتىشىنى قايتا تەلەپ قىلدى. چۈنكى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ماللىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا ئۈستۈنلۈك قازىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئىزچىل تۆۋەن تۇتۇپ كەلمەكتە.

كانادا مالىيە مىنىستىرى جىم فلاھەرتي شىۋىتسارىيىنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا،7 غەرب دۆلىتىدىن ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. جىم فلاھەرتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا بۇندىن كېيىن، بارلىق يوللار ئارقىلىق خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىدىكەن.

جىم فلاھەرتي : خىتاي خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا ئەركىن سودا بازىرىغا كىردى ۋە بۇ ھەقتىكى بارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولماقتا. شۇڭا ئەركىن سودىنىڭ بۇنداق يېڭى كۈچى بولغان خىتاي، ئەركىن پۇل بازىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېدى.

جىم فلاھەرتي خىتاي دائىرىلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە چاقىرىپ:"نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكا ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان داۋالغۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ئىبارەت نازۇك بىر مەزگىلدە تۇرماقتا. خىتاي شىمالىي ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ۋە خەلق پۇلىنى ئەركىن بازار قانۇنى ئارقىلىق تەڭشەشكە يول قويۇشتۇر،" دېدى.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىمنى كۈچەيتىشى زۆرۈر

كانادا مالىيە مىنىستىرى جىم فلاھەرتي،خىتاي پۇلى ئەركىن قويۇۋېتىلسە، كانادا بىلەن ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭ كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى قوزغىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزىلىدىغان سانائەتلەشكەن 7 غەرب دۆلىتى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرىدىن خىتاي پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتى ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

خىتاي غەرب دۆلەتلىرى بىلەن قارشىلاشماقتا

خەلقئارا جەمئىيەت 2002 - يىلىدىن باشلاپ، خەلق پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە،خىتاي دائىرىلىرىگە ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى.

كانادا بولسا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەلق پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتىگە بولغان كونتروللۇقنى بوشاشتۇرۇشنى جىددىي تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.سانائەتلەشكەن 7 غەرب دۆلىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەلق پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتىنى قويۇۋىتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى بىر قانچە قېتىم ئۆستۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈتكەن تەلىپىدىن يەنىلا يىراقتا.

خىتاي بۇ تەلەپلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت، دەپ قارايدۇ

خىتاي دائىرىلىرى "خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى بىراقلا ئۆستۈرۈلسە، دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ،" دەپ ئەنسىرەيدۇ.

خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى ياڭ چاڭ خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدىغان ئىشنى قىلماسلىق ۋە ئۇنداق بولمىغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يېتىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈپ كانادانى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ:"خىتاي بىلەن كانادانىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە نېگىزلىك مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن. بۇ ھەممىگە ئايان مەسىلە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىرىك مۇناسىۋەت ئىككىلا دۆلەت ئۈچۈن ئوخشاشلا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ،" دېدى.

خىتاي كونسۇلى كانادانىڭ خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىگە تۇتقان مەيدانىنى خىتايغا تەھدىت دەپ چۈشەندۈرۈپ:"مېنىڭچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا، ساقلانغان مەسىلىلەرنى سۆھبەت ھەم كېلىشىش يوللىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشتۇر. ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ. تەھدىت - پوپوزا بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ،" دېدى.

زىياننىڭ ئەڭ چوڭىنى ئامېرىكا تارتماقتا

كانادا مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا، جىم فلاھەرىنىڭ چاقىرىقى ئامېرىكىدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىچىلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقان دۆلەت. خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى سۇنئىي ئۇسۇلدا تۆۋەن تۇتۇش سىياسىتى ئامېرىكا ئېكىسپورتىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ‏ - خىتاي سودىدا كۆرۈلۈۋاتقان غايەت زور قىزىل رەقەممۇ ئاساسەن خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

پۇلنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىش دىكتاتور تۈزۈملەرنىڭ بەلگىسىدۇر

دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان پۇلنىڭ قىممىتى ئادەتتە ئەركىن پۇل بازىرى ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى بازارغا قاراپ،ھەر كۈنى ئۆرلەپ ياكى چۈشۈپ تۇرىدۇ.

كانادادىكى ئىقتىسادىي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە،خىتاي پۇلىنىڭ نۆۋەتتىكى قىممىتى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتىدىن %40 تۆۋەن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتىدىن تۆۋەن تۇتۇپ، ئۆز ماللىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، غايەت زور ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىپ كەلمەكتە.خىتاينىڭ نۆۋەتتە يول قويۇۋاتقان پۇل سىياسىتى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى دىكتاتور تۈزۈم بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

كانادا بولسا، خىتاي پۇل سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ يەنە بىرىدۇر. گەرچە 2007 - يىلىدا كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسىدا ئېشىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن ئىككى دۆلەت سودىسىدىكى كاناداغا پايدىسىز قىزىل رەقەم يەنىلا چوڭ بولماقتا. كانادا سودا مىنىستىرى داۋىد ئەمەرسون بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، كانادا ‏ - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى داۋاملىق ئارقىغا سوزۇپ كەلگەن خىتاي ئۈستىدىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت