خىتاي ھۆكۈمىتى كانادالىق سىياسەتچىلەرنى سېتىۋېلىشنى جىددىيلەشتۈرمەكتە

كانادانىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنى بولغان كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادادىكى بەزى شىتات ۋە شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلىقتىن، ئۇلار بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ سادىق ۋاكالەتچىلىرىگە ئايلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2010-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﻮﺩﺩ ﻫﻮﻓﻔﻤﺎﻧﻨﯩﯔ "ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺳﯘﺱ -  ﻻﺭﺭﯨﻲ ﭼﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺟﺎﺳﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
ﺗﻮﺩﺩ ﻫﻮﻓﻔﻤﺎﻧﻨﯩﯔ "ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺳﯘﺱ - ﻻﺭﺭﯨﻲ ﭼﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺟﺎﺳﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
astore.amazon.com

كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى رىچارد فاددېن بۇ چەتئەل دۆلەتلىرى ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ۋاستىلىق ئاتاپ ئۆتتى. دىرېكتور رىچارد فاددېننىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي دۆلەت رەھبىرى خۇ جىنتاۋنىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كانادانىڭ غەربىدىكى تېنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى بىرىتىش كولۇمبىيە شىتاتىغا ئاياق بېسىش ھارپىسىغا توغرا كەلدى. نۆۋەتتە خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ كانادانى زىيارەت قىلماقتا.

رىچارد فاددېننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادانىڭ ئاز دېگەندە ئىككى شىتاتىنىڭ بەزى ئىچكى كابېنت مىنىستىرلىرى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا يەنى ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرىپ قالغان. برىتىش كولۇمبىيە شىتاتىنىڭ بىر قانچە شەھىرىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرىمۇ گۇمانلىقلار كاتېگورىيىسىگە كىرىدىكەن.

گەرچە، كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ دىرېكتورى قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى كونكرېت ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ،جاسۇسلۇققا قارشى بۇ ئىدارىنىڭ ئاساسلىق خىراجەتنىڭ 50 % دىن كۆپرەكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە، كانادادا بىر يېرىم مىليونغا يېقىن خىتاي كۆچمەنلىرى ياشايدۇ. ئۇلار ئاساسەن برىتىش كولۇمبىيە شىتاتىنىڭ ۋانكوۋېر شەھىرى بىلەن ئونتارىئو شىتاتىنىڭ مەركىزى تورونتو شەھەرلىرىدە مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان. خىتاي كۆچمەنلىرى ۋانكوۋېردا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 35 %تىدىن كۆپرەكىنى، تورونتودا بولسا، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 15 % گە يېقىنىنى ئىگىلەيدۇ.

دىرېكتور رىچارد فاددېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى كانادا مەخپىيەتلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ شىتاتلاردىكى بۇ جىددىي مەسىلىنى قانداق ئېنىقلاش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇ، "بەزى بىشارەتلەردىن قارىغاندا، بىر قانچە شىتاتتىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە بەكلا تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقى بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ ئادەملەر سىياسەت بەلگىلىگۈچى ئورۇندا بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ قارارلىرى دۆلەتكە، شىتاتقا ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزىدە ئۇلار ئالغان قارارلار كانادانىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلماستىن، بەلكى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئېلىنماقتا " دېدى.

ئۇ سۆزىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى يىراقتا تۇرۇپمۇ كاناداغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

دىرېكتور رىچارد فاددېن "بۇ دۆلەتلەردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، ئەمەسمۇ ؟" دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، "مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنىۋاتقان، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادادا جىددىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئەمەس،" دېدى.

دىرېكتور رىچارد فاددېن ئاز دېگەندە 5 دۆلەتنىڭ كانادادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كەلگۈسىدە سىياسى جەھەتتە ئۈمىدلىك دەپ قارالغان شەخسلەرنى يوشۇرۇن ئۆزىگە تارتىۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا، بۇ جەھەتتە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كانادادىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئارقىلىق بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئىجتىمائىي ئۇيۇشما-جەمئىيەتلەرنى ئىقتىساد بىلەن ئاستىرىتتىن تەمىنلەۋاتقان ۋە ئەسلىدە خىتاي پۇقراسى بولغان كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەتكە سالغان.

بۇ ئەمەلدار خىتاي دائىرلىرىنىڭ يەنە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان بەزى سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىمۇ تەشكىللىگەنلىكىنى بايان قىلىپ: "كۆپلىگەن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى كانادادىكى سىياسەتچىلەرنى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا پۇل سۈڭىتىش، ھەقسىز ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياكى سودا شىرىكلىكىگە جەلىپ قىلىشقا ئوخشاش ۋاستىلارنى قوللانماقتا" دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ قاينىمى ۋە ئازدۇرۇشى بىلەن بۇ مۇھىم ئورۇندىكى سىياسەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى سىياسى قارار چىقارغاندا، ئالدى بىلەن كانادانى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى بوينىدىن باغلانغان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.

دىرېكتور رىچارد فاددېن كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پۈتۈن زېھىن قۇۋۋىتى ۋە كۈچىنى چەتئەل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشقا قاراتقاچقا، كانادانىڭ نازۇك يۇقىرى تېخنىكىلىرى ۋە سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ بىمالال ھالدا ئوغرىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كاناداغا يىلىغا مىلياردلاپ ئىقتىسادى زىيان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ ئىش تەرەققى قىلىپ، كىشىنى قورقۇتىدىغان دەرىجىگە يەتكەن، ئەگەر بۇ كونترول قىلىنمىسا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادادا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم دوكلات ئېلان قىلغانىدى.خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادالىق سىياسەتچىلەرنى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى سېتىۋېلىشقا ۋە ئۇلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ باياناتنىڭ بولسا تېخى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ بايانات كانادالىقلارنىمۇ قاتتىق چۆچۈتتى.

20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا شۇنداقلا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كانادا زىيارىتىنى باشلىغان ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئانچە ياخشى خەۋەر بولمىسا كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت