ياڭ جيەنلى: دېموكراتىيە جۇڭگودا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىم بولۇپ قالدى
2007.08.22
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يېقىندا ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىپ بۇ يەردىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىدىن جۇڭگو 21 - ئەسىر فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جيەنلى، ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىيە سادالىرىغا توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.
ياڭ جيەنلى : "جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاقىلانە يوللارنى تاللىۋېلىشى كېرەك"
خىتاي ھۆكۈمىتى ياڭ جيەنلىنى بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ياڭنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلدى. بۇ يىل 44 ياشلاردىكى ياڭ جيەنلى، ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسەتنامىسىغا ئىگە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، 2002 - يىلى ئاكىسىنىڭ پاسپورتى بىلەن شەرقىي - شىمالدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەقسىتىدە خىتايغا كىرگەندە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تەيۋەن جاسۇسى، دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە 5 يىل تۈرمىدە ياتقان. ياڭ جيەنلى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بارنېي فرانك، ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كوكېس قاتارلىق ياڭنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلغان ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە يولىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىگە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ، " بۈگۈن مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىرادىلىك ۋە ئىشەنچلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن يەنە شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى جۇڭگودا بىر پارتىيە دىكتاتۇرلۇقىنىڭ ئەجەللىك كەمچىلىكى مەۋجۇت. مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 4 ئاي بېيجىڭدا تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسى ئېغىپ كەتمەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بۇ ئېقىمنى توسماقچى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ دېموكراتىك، ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشىنى، بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە پارىخورلۇقنى يوقۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ." ئۇ يەنە، "جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاقىلانە يوللارنى تاللىۋېلىشى كېرەك،" دەپ تەكىتلىدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بارنېي فرانك سۆز قىلىپ، ياڭ جيەنلىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىدا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھەمكارلاشقانلىقىنى ۋە بۇ، شۇ ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھەم "خىتاي ھۆكۈمىتى ياڭ جيەنلىنى قاماشنىڭ بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك،" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خىتايدىن سىياسىي تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىدۇ
بارنېي فرانك، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياڭ جيەنلىنى ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇش ياكى قاماشنىڭ خىتاي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ياڭ جيەنلىنىڭ بىردىن بىر 'جىنايىتى' دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى قوللىغانلىقى، خىتايلارنىڭ بىر قىسىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشىغا ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىدۇر. مەن خىتاينىڭ تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، قانچىلىك كۆپ كىشىنى تۇتقۇن قىلسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى تاكى مەقسەتكە يەتكىچە بۇ كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز قوللايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دەپ كۆرسەتتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ يەنە بىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئولىمپىك يىغىنى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلەتتى.
تام لانتوس، "مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەربتىكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، دارفۇردىكى ياشلار ھەم بالىلارنى داۋاملىق زوراۋانلىققا ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلاشقا چاقىرىمەن. بىز يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ بېيجىڭغا چاقىرتىپ، خىتاي بىلەن تىبەت ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشنى تۈگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تىبەت خەلقى ۋە دالاي لاما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايۋاتىدۇ. ئۇلار پەقەت مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلماقتا. ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىش خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىدىكى بىر بۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەيدۇ.
ياڭ جيەنلى مەسىلىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتىكى بىر بۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ قالالامدۇ ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قويۇپ بېرىپ ئۇنى ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلغاندا، بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتىكى بىر بۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەنلىكىگە قارىماي، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ياڭ جيەنلى قارا تىزىملىكتىكى 49 ئادەمنىڭ بىرى ئىدى
ياڭنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كوكېس سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بۇش ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ نۇرغۇن تىرىشچانلىقىغا قارىماي، ياڭ جيەنلىنىڭ ۋاقتىدا قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى كۆرسەتتى ۋە ياڭ جيەنلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى ماختىدى.
ئۇ، " كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم، ياڭجيەنلى تۈرمىدە 5 يىلنى تولدۇردى. ئۇ، قويۇپ بېرىلگەندىن بېرى بىز ئۇنىڭ خىتاي پاسپورتى ئېلىش ۋە ئامېرىكىغا كېلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بەزى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە ياردەم قىلدۇق. ئۇنىڭ ئايالى ئامېرىكا پۇقراسى، بۇ يەردە بىر ئائىلىنى جەم قىلىشدىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ جەرياندا بىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمىزدىن ئېرىشكەن نەرسىلىرىمىز كۆپ بولدى. چۈنكى ياڭ جيەنلى بىزگە جاسارەت ۋە غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى،" دەيدۇ. ياڭ جيەنلى 80 - يىللاردا ئامېرىكىغا ئوقۇغۇلى كېلىپ، 1989 - يىلى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە جۇڭگو 21 - ئەسىر فوندى جەمىيىتىنى قۇرۇپ، چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى چېگرىدىن كىرىشى چەكلەنگەن قارا تىزىملىكتىكى 49 ئادەمنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دېموكراتلىرى ئەمدى چەتئەللەردە تۇرۇپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازار يىگەن بىر ئۇيغۇر (2)
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازار يىگەن بىر ئۇيغۇر (1)
- گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ
- ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 16 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا
- قىرغىزىستاندا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
- قازاقىستان تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كۆپەيمەكتە
- ۋەتەندىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى
- دوكتور نوۋاكنىڭ دوكلاتىنى ئۇيغۇرلار ئىسپاتلىماقتا
- نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
- تامسىز تۈرمە (2)