خىتاي دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە تۇخۇمىنى قويماقتا

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئەل رىياد گېزىتى"نىڭ 2007- يىلى 25- سېنتەبىر سانىدا، ئاتاغلىق يازغۇچى فەھدى ئامىرنىڭ قەلىمى بىلەن " خىتاي ھەممىلا يەرگە تۇخۇمىنى قويماقتا"دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:" خىتايلارنىڭ بارغانلىكى جايدا ئاۋۋال كىچىك تىپتىكى خىتاي مەھەللىسى قۇرۇش ئاندىن ئاستا - ئاستا چوڭىيىش تاكتىكىسى بارلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلىشىش، شۇ ئارقىلىق خىتايغا قارايدىغان كىچىك خىتاي شەھەرلىرىنى بەرپا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى قەدىمقى كىتابلىرىمىز يېتەرلىك سۆزلىمەكتە. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ سۆز توغرا ئېيتىلغان. ھازىر نېۋ يورك، لوندون، مونترېئال شەھەرلىرىدە، ھەتتا كوئالالومپور، دۇبەي، ماراكەش شەھەرلىرىدە 'چاينا تاۋن' ياكى خىتاي مەھەللىسى دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان مەخسۇس خىتاي يۇرتلىرىنى كۆرىمىز."

"خىتايلار ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋەتىنىدە شەھەر قۇرۇشقا تىرىشىدۇ"

ئاسىيالىقلارنىڭ ئېغىزىدا 700 يىلدىن بىرى "خىتايلار ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋەتىنىدە شەھەر قۇرۇشقا تىرىشىدۇ"دەيدىغان چۆچەكلەر بار. ھەتتا ياۋروپالىقلار شەرقى ئاسىيانى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن بارغىنىدا خىتايلارنىڭ بۇ رايونلارغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كېلىپ بولغانلىقىنى ۋە بەزى پىلانلىرىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىكەن. 1621- يىلى ئەنگلىيىلىك مەشھۇر ساياھەتچى توماس ھېربېرت ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە، خىتايلارنى ياۋروپانىڭ يەھۇدىيلىرىغا ئوخشاتقان ئىكەن.

خىتايلار ھازىر سوۋىت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان مەملىكەتلەردە كەڭ كۆلەملىك يەرلىشىش پىلانىنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار بۇ خوشنا دۆلەتلەرگە سودا باھانىسى بىلەن چىقىپ پىلانلىق ھالدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاندىن بۇ مەملىكەتلەردە ئاستا - ئاستا يەرلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار يېرىقنى كۆزلەپ ئىش قىلىدۇ. لېكىن خوشنا دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن خەۋەرسىزدۇر. ھازىرقى كۈندە شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى خىتاي سانى 50 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇلار بۇ دۆلەتلەردىكى ئومۇمىي نوپۇس سانىنىڭ ئاران 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىنى قولىغا ئېلىۋالغان.

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تارقىلىشى ئاسىيا قىتئەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. بەلكى ئۆتكەن ئىككى ئەسىردىن بىرى ئۇلار ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ۋە ئىككى ئامېرىكىغىچە بېرىپ يەتكەن. بۇ دۆلەتلەردىكى چوڭ شەھەرلەر خىتاي مەھەلىلىرىدىن خالى ئەمەس.

خىتايلار ياۋروپالىقلار تاشلىۋەتكەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىگىلىمەكتە

ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ماراكەش شەھىرىدىكى خىتاي مەھەللىسى بارغانسېرى چوڭىيىپ بارماقتا. خىتايلار ھازىر ياۋروپالىقلار تاشلىۋەتكەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىگىلەشكە كىرىشمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرزان ماللىرى بىلەن ئافرىقا بازارلىرىدا دەۋر سۈرمەكتە. مەسىلەن: سۇدان، ئېپوپىيە، ئوگاندا، كوتدىۋار قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىنى خىتاينىڭ ئەرزان ۋە ساختا ماللىرى بېسىۋالماقتا. نىگېرىيە، جەنۇبى ئافرىقا ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاي شەھەرلىرى بىنا بولماقتا.

ئەمدى بۇ يەردە شۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: خىتاينىڭ بۇنداق يەرلىشىش ۋە بارغانلا يېرىنى ئىگىلەش پىلانىغا دۇنيا قارشى چىقمامدۇ؟ خىتاي يەرشارىنى بېسىۋالامدۇ قانداق؟ ئەمما شۇ ئېنىقكى، خىتايلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇخۇم سېلىش ئىشىنى ئورۇنلاپ بولدى.(توختى)